خىتاي چەتئەللەردىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ھەققىدىكى قانۇن لايىھىسىنى تۈزدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2014-12-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

-دېكابىر خىتاي دۆلەت ئىشلار كابىنېتىنىڭ «چەتئەللەردىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ھەققىدىكى باشقۇرۇش قانۇن لايىھىسى» خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ كۆرۈپ چىقىشىغا سۇنۇلغان.

23-دېكابىردىكى خىتاي خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ياڭ خۈەننىڭ 22 -دېكابىر ئېچىلغان 12-نۆۋەتلىك خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 12-قېتىملىق يىغىنىدا قارار لايىھىسىنى ئوقۇپ ئۆتكەن.

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ياڭ خۈەننىڭنىڭ سۆزىنى نەقىل ئېلىپ، «بۇ قارار، چەتئەللەردىكى ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ جۇڭگودىكى پائالىيەتلىرىنى باشقۇرۇش مەقسىتىدە تۈزۈلگەنلىكى، بۇنىڭ چەتئەللەردىكى ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى پائالىيەتلىرىنى قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلىشتا، شۇنداقلا چەتئەللەردىكى ھۆكۈمەتكە بېقىنمايدىغان تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشىدىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى» نى تەكىتلىدى.

ئەمما خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ خىتايدا تۈزۈلگەن چەتئەللەردىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ھەققىدىكى قانۇن لايىھەسىگە ئىنكاسى باشقىچە بولدى. ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىرىدە، خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشى نەقىل ئېلىنىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق بىر قانۇن لايىھىسىنى تۈزۈشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردىكى ھۆكۈمەتسىز ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ خىتايغا غەرب دېموكراتىك ئىدىيىسىنى ئېلىپ كىرىپ، غەرب قىممەت قارىشىنى تارقىتىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكى سەۋەب بولغان» لىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت