خىتاي «يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو دۆلەت مۇداپىئەسى» ئاق تاشلىق كىتابى ئارقىلىق لاگېرلارنى ئاقلىماقچى بولدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-07-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتى 24-ئىيۇل كۈنى «يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو دۆلەت مۇداپىئەسى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلدى. خىتاينىڭ «شىنجاڭغا دائىر بىر قانچە تارىخىي مەسىلە» ماۋزۇلۇق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلىپ بىر كۈندىن كېيىنلا دۆلەت مۇداپىئەسىگە ئائىت يەنە بىر ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىشى دىققەت قوزغىدى.

يۇقىرىقى بۇ ئاق تاشلىق كىتابنىڭ تولۇق نۇسخىسى خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاۋازى بولغان «شىنخۇا ئاگېنتلىقى» دا تارقىتىلدى. تەخمىنەن 27 مىڭ خەتتىن تەركىب تاپقان بۇ ئاق تاشلىق كىتابتا ئۇيغۇر ئېلىگە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار دىققەت قوزغىدى.

ئۇنىڭدا «قوراللىق ساقچى قىسىملىرى 2014-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە 1588 زوراۋان-تېررورچى گۇرۇپپىلارنى تارمار قىلىپ، 12 مىڭ 995 نەپەر تېررورچىنى قولغا ئالدى ۋە بۇ ئارقىلىق تىنچ جۇڭگو بەرپا قىلىشقا زور تۆھپە قوشتى،» دېيىلگەن.

ئاق تاشلىق كىتاب يەنە «جۇڭگو ھۆكۈمىتى تېررورلۇققا ۋە ئاشقۇنلۇققا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. . . قوراللىق ساقچى قىسىملىرى دۆلەت ئورگانلىرى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ تۇرۇپ، تېررورلۇق ۋە زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بەردى، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك ھەرىكەتلەرنى پائال قانات يايدۇرۇپ، يوشۇرۇن خەۋپلەرنىڭ ئالدىنى ئالدى،» دېيىلگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاق تاشلىق كىتابىدىكى يۇقىرىقى مەزمۇنلارغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى. ئۇ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان لاگېرلىرى سەۋەبىدىن خەلقئارانىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچراۋاتقان بىر پەيتتە بۇنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ جىنايەتلىرىنى «تېررورلۇق» ۋە «ئاشقۇنلۇق» قا قارشى تۇرۇش نامى ئاستىدا ئاقلاشنى نىيەت قىلغان، دەپ كۆرسەتتى.

يېقىندا ئامېرىكانىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئالاھىدە ئەلچىسى ناسان سەيلىسكە ئوخشاش دۆلەت ئەربابى ۋە جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتچىسى نوۋاھ تاكېر قاتارلىق مۇتەخەسسىلەر ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلغان لاگېرلارنىڭ تېررورلۇق بىلەن قىلچىمۇ ئالاقىسى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

«تەڭرىتاغ تورى» 25-ئىيۇل كۈنى خەۋەر تارقىتىپ، قىرغىزىستان دۆلەت ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ تاشقى ئىشلار مەسلىھەتچىسى شېرادىل باقىتنىڭ «خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنى تۈپ مەنبەسىدىن تۈزەش ھەمدە ئالدىنى ئېلىش ئارقىلىق خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشلىرى ئۈچۈن ‹ئۈلگە› تىكلەپ بەردى» دېگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت