قەشقەر ۋىلايىتىدە كادىرلاردىن «ئۈچ ئاق تاشلىق» كىتاب بويىچە ئىمتىھان ئېلىنغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-11-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي دائىرىلىرى يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي تەشۋىقات دولقۇنىنى يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئۆگىنىش، شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك ئېلان قىلىنغان بىر قاتار «ئاق تاشلىق كىتابلار» نى ئۆگىنىش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى قوزغىغان ئىدى.

«قەشقەر خەۋەرلەر تورى» تارقاتقان خەۋەرگە قارىغاندا، دائىرىلەر مۇشۇ ئاينىڭ 23-كۈنى قەشقەر ۋىلايىتىدىكى مۇئاۋىن ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كادىرلاردىن «ئۈچ ئاق تاشلىق كىتاب» بويىچە ئىمتىھان ئالغان بولۇپ، ئىمتىھانغا قەشقەر ۋىلايىتىگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىكى ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىك 483 نەپەر كادىر ھەم شۇنداقلا 12 ناھىيە (شەھەر) دىكى ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىك 652 نەپەر كادىر بولۇپ، جەمئىي 1200 گە يېقىن كىشى قاتناشقان.

ئىمتىھانغا كىرگەن كادىرلار «شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى ۋە كىشىلىك ھوقۇق كاپالىتى»، «شىنجاڭغا دائىر بىر قانچە تارىخىي مەسىلە» «شىنجاڭدىكى كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە خىزمىتى» دىن ئىبارەت «ئۈچ ئاق تاشلىق كىتاب» تىكى مەزمۇنلارغا مۇناسىۋەتلىك 90 مىنۇتلۇق ئىمتىھانغا قاتناشقان.

خەۋەردە تۆۋەندىكىلەر بايان قىلىنغان: «پۈتۈن قەشقەر ۋىلايىتىدە ‹ئۈچ ئاق تاشلىق كىتاب› ئاساسىي بىلىملىرىدىن مەركەزلىك ئىمتىھان ئېلىشنى قانات يايدۇرۇشتىكى مەقسەت كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارغا شىنجاڭنىڭ تارىخ، مىللەت، مەدەنىيەت، دىن قاتارلىق مەسىلىلىرىنى دەل جايىدا تونۇتۇش. . . چېگرا ئىچى-سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ تارىخنى بۇرمىلايدىغان، ھەق-ناھەقنى ئاستىن-ئۈستۈن قېلىۋېتىدىغان خاتا سەپسەتىسىگە كۈچلۈك رەددىيە بېرىش، ئاساسىدىن تۈزەپ مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇپ. . . قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچ تارقىتىشتىن ئىبارەت.»

دىققەت قوزغايدىغىنى «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش» دېگەن تۈر بويىچە كەلگەن كادىرلارمۇ بۇ ئىمتىھانغا قاتناشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا يەنە كادىرلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى «يىل ئاخىرىدىكى باھالاشنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىنىدۇ،» دېيىلگەن.

يېقىندىن بۇيان ئاشكارىلىنىۋاتقان بىر قىسىم خەۋەرلەردە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە پەيدا قىلىۋاتقان دەرىجىدىن تاشقىرى سىياسىي ئاتموسفېرانىڭ شۇ جايدىكى خىتاي كادىر ئاممىسىنىمۇ بىزار قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان. بەزى خىتايلار ھەتتا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى خىتايلارغا خىتاب قىلىپ: «شىنجاڭغا كەلمەسلىكنى، بولمىسا بۇ يەردە تۈگىمەس سىياسىي يىغىنلارنىڭ تۇتقۇنىغا ئايلىنىدىغانلىقىنى» ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت