ئاقتۇ ناھىيىسى يەنە 700 نەپەر ياردەمچى ساقچى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017-10-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئاقتۇ ناھىيىلىك ھۆكۈمەت تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاقتۇ ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى بۈگۈن، يەنى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جەمئىيەتتىن يەنە 700 نەپەر ياردەمچى ساقچى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئاقتۇ ناھىيىسى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان يەرلىكتىن ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئەڭ كۆپ ساقچى قوبۇل قىلغان ناھىيەلەرنىڭ بىرى ئىكەن.

قىزىلسۇ ئوبلاستىدا سىياسىي جەھەتتىن ئەڭ سەزگۈر ناھىيە دەپ قارالغان ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ بىر تەرىپى بىۋاسىتە قەشقەر ۋىلايىتىگە، يەنە بىر تەرىپى تاجىكىستان ۋە ئافغانىستانغا تۇتۇشىدىكەن.

بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا ئاقتۇ ناھىيىلىك دائىرىلەر ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن مىڭ نەپەرگە يېقىن «تېررورلۇققا قارشى ئالاھىدە ساقچى» قوبۇل قىلغان. خىتاي ئۆلكىلىرىدىن بىۋاسىتە قوبۇل قىلىنغان ساقچىلارغا يۇقىرى مائاش ۋە ئالاھىدە تەمىنات بەرگەن.

ھالبۇكى، بۇ قېتىم يەرلىكتىن قوبۇل قىلىدىغان 700 نەپەر ياردەمچى ساقچىنىڭ ئىلتىماس قىلىش شەرتلىرىدە «ئائىلىسىدە 3 ئەۋلادقىچە سىياسىي جىنايەت ئۆتكۈزگەن كىشى بولماسلىق، 24 سائەت نۆۋەتچىلىكتە تۇرالايدىغان بولۇش» دېگەندەك بايانلار ئەسكەرتىلگەن.

يەرلىكتىن قوبۇل قىلىدىغان ياردەمچى ساقچىلارنىڭ ئايلىق ئىش ھەققى 2600 يۈەن دەپ بېكىتىلگەن بولۇپ، بۇنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن قوبۇل قىلغان ئاقتۇدىكى خىتاي ساقچىلارنىڭ 9 مىڭ يۈەنلىك ئىش ھەققى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئاسمان-زېمىن پەرق ھاسىل قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت