ئەسەد خىمىيىلىك قورال ئىشلەتكەنلىكىنى رەت قىلدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2013-09-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبىرى بېشىر ئەسەد ئامېرىكىنىڭ س ب س تېلېۋىزىيىسى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ ئۆتكەن ئايدا دەمەشىقتىكى ئۆكتىچىلەرگە قارىتا خىمىيىلىك قورال ئىشلەتكەنلىكىنى ئىنكار قىلدى.

ئەسەد سۆزىدە ئامېرىكا تەرەپتىن خىمىيىلىك قورال ئىشلىتىلگەنلىكى ھەققىدىكى ئىسپاتلارنى كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلدى.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، ئۇ سۆزىدە ئەگەر سۈرىيە ھۇجۇمغا ئۇچرىسا ئۇنىڭ ئىتتىپاقچىلىرى ئىنتىقام ئالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئەسەد بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت 9 - سېنتەبىر كۈنى تېلېۋىزىيە ئارقىلىق كۆرسىتىلىدىكەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 8 - سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى كېررى پارىژدا ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشتا ئەسەدنىڭ خىمىيىلىك قورال ئىشلەتكەنلىكىگە ئائىت ئەيىبلەشنىڭ ئاللىقاچان خەلقىارالىق قىزىل سىزىقتىن ئۆتۈپ كەتكەنلىكى ھەققىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغان.

كېررى ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ سۈرىيىگە ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشنى قوللاش - قوللىماسلىق ھەققىدىكى مەيدانىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت