ئۇيغۇر ئېلىدا ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلارنى جازالاش ھەرىكەتلىرى ئىزچىل داۋام قىلماقتا

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018-02-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ چارشەنبە كۈنى تارقاتقان خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى يەنە 6 نەپەر ئاساسىي قاتلام كادىرىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۈچ نەپىرى ئۇيغۇر ئىكەن.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتى تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان تىزىملىكتىن قارىغاندا، ئۇلار، قاراقاش ناھىيە سايباغ يېزىلىق پارتكومنىڭ سابىق مۇئاۋىن سېكرېتارى، يېزا باشلىقى ئابدۇراخمان رەھمىتۇللا، قەشقەر شەھىرى يېڭىئۆستەڭ يېزىسى دېھقانچىلىق تېخنىكا پونكىتىنىڭ كادىرى تۇرسۇنگۈل ساۋۇت ۋە ئۇلۇغچات ناھىيە قىزىلئۆي يېزا ئارىبۇلاق كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سابىق سېكرېتارى توختىنۇر دۇۋان قاتارلىقلار ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان مىڭلىغان كادىرلار «چىرىكلىك» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» دېگەندەك قالپاقلار بىلەن ئەيىبلىنىپ بىر تەرەپ قىلىندى.

«شىنجاڭ گېزىتى» دە سەيشەنبە كۈنى «چىرىكلىكنى جازالاش ھەرگىز توختىمايدۇ، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش ھەرگىز بوشاشمايدۇ» ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭدا 2017-يىلى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرگەن دېلولارنىڭ 34 مىڭ پارچىدىن ئېشىپ، 2013-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە بىر تەرەپ قىلىنغان ئومۇمىي دېلو سانىدىن 40 پىرسەنت ئېشىپ كەتكەنلىكى بايان قىلىنغان. نەتىجىدە 32 مىڭ 771 كىشىگە جازا بېرىلىپ، بۇنىڭ ئىچىدە 1132 كىشى ئەدلىيە ئورگانلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن.

خەۋەردە يەنە «دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈلگەن پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ بىرىنچى قول رەھبەرلىرى 1258 كىشى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى ۋە مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسىدىن بەش كىشى، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى ۋە ھاكىمدىن 18 كىشى بار،» دېيىلگەن.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، يۇقىرىدىكى بۇ ھەرىكەتلەر داۋامىدا ئاساسىي قاتلامدىكى ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن تازىلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئورۇنلىرىنىڭ خىتايلارغا بوشىتىپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت