خىتاي تاراتقۇلىرى ئاساسىي قاتلامغا چۈشكەن 70 مىڭ كادىرنىڭ «زور نەتىجە» ياراتقانلىقىنى داۋراڭ قىلماقتا

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2015-02-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«تەڭرىتاغ تورى» بۈگۈن مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۆتكەن بىر يىلدا ئۇيغۇر ئېلىدىن ئاساسىي قاتلامغا ئەۋەتىلگەن 70 مىڭ كادىرنىڭ «زور نەتىجە» ياراتقانلىقىنى داۋراڭ سالغان.

«ئەلرايىنى ئىگىلەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش ۋە ئەل قەلبىنى مۇجەسسەملەش» دېگەندەك چىرايلىق قالپاقلار كىيدۈرۈلگەن بۇ ھەرىكەت ئۆتكەن يىلىنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇر ئېلىدا ۋەزىيەت كەسكىنلەشكەن بىر پەيتتە يولغا قويۇلغان. ھالبۇكى، ئاساسىي قاتلامغا ئەۋەتىلگەن 70 مىڭ كادىرنىڭ ئۆتكەن بىر يىل جەريانىدا ئاتالمىش «زور نەتىجە» ياراتقانلىقى خەلقئارادىكى كۆزەتكۈچىلەر بىلەن مۇستەقىل سىياسىي ئانالىزچىلارنىڭ كۈچلۈك گۇمانىنى قوزغىماقتا.

يەرلىك ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنىڭ رادىئومىزغا بەرگەن ئىنكاسلىرىدا ئاساسىي قاتلامغا چۈشكەن كادىرلارنىڭ سىياسىي تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشتىن باشقا يەرلىكتىكى مەۋجۇت مەسىلىلەرنى ئۆزگەرتىشكە ھېچقانچە قۇربى يەتمىگەنلىكى مەلۇم.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت