خىتاي ئاخباراتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئاساسىي قاتلاملارغا چۈشۈرۈلگەن كادىرلارنىڭ ھەربىر ئۆيگە كىرىپ مەلۇمات يىغىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018-03-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەربىر ئائىلىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇۋاتقانلىقىنى ئۆز ئاغزى بىلەن ئاشكارىلىدى. «جوڭگو خەۋەرلەر تورى» 20- مارت كۈنى ئېلان قىلغان بىر خەۋىرىدە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى كەنتلەردە تۇرۇشلۇق كادىرلار قوشۇنىنىڭ  « بىر ئائىلە بىر ئارخىپ» بويىچە ھەربىر ئائىلىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىللەپ ئارخىپ تۇرغۇزۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خەۋەردە خوشۇت ناھىيىسىدە خىزمەت قىلىۋاتقان «كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار» مىسال قىلىنىپ، بۇ كادىرلارنىڭ ھەر بىر ئائىلىنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزا سانى، ئىقتىسادىي ئەھۋالى، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالى قاتارلىق 20 تۈر بويىچە ئۇچۇر توپلاپ، ئۇلارنى ئارخىپلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بۇ يىل 2- ئايدا ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا، ئۇيغۇر ئېلىدە ئاساسىي قاتلاملارغا  «ئەل رايىنى سىناش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش» ۋە «كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار» قاتارلىق ناملار بىلەن يېزىلارغا ئەۋەتىلىۋاتقان كادىرلارنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ ئەھۋالىنى ئىگەللەپ، «چوڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرى» تۇرغۇزىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

«جوڭگو خەۋەرلەر تورى »ئۆز خەۋىرىدە، «بىر ئائىلە بىر ئارخىپ» خىزمىتىنىڭ  ھەربىر ئائىلىنىڭ مەۋجۇت قىيىنچىلىقلىرىنى ئىگىللەپ، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجلىرىنى بەلگىلەپ چىقىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بىراق، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئارقىلىق كىشىلەرنى «كاشىلا پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بار» دېگەن كاتېگورىيەگە ئايرىپ، ئالدىن جازالاشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈرۈلگەن كادىرلار ئۆي-ئۆيمۇ كىرىپ، شۇ ئائىلىدىكى كىشى ياكى كىشىلەرنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىش ئەھۋالى، كۈندە قانچە قېتىم ناماز ئوقۇيدىغانلىقى، قايسى مەسچىتكە بارىدىغانلىقى، قايسى دۆلەتلەرگە ساياھەت بېرىشنى خالايدىغانلىقى، قايسى دۆلەتلەرگە چىققانلىقى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە ئۆزىنىڭ ھەرقانداق بىر سىياسىي توپىلاڭدا ئورۇن ئالغان-ئالمىغانلىقى قاتارلىق سوئاللارنى سورايدىكەن. ئارخىپلاشتۇرۇلغان بۇ ئۇچۇرلا كومپيۇتېرغا شۇ كىشىنىڭ كىملىك مەلۇماتلىرى، گېن ئۇچۇرى قاتارلىق باشقا سانلىق مەلۇماتلىرى بىلەن قوشۇپ ساقلىنىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت