ب د ت نىڭ تەكشۈرگۈچىسى خىتاينى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان «ئاشقۇنلۇقنى تۈگىتىش نىزامى»نى بىكار قىلىشقا چاقىرغان

2020-11-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ب د ت نىڭ ئالاھىدە تەكشۈرگۈچىسى ئەخمەد شاھىت ب د ت دا دوكلات بېرىپ، دۆلەتلەرنى  ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقان قانۇنلىرىنى بىكار قىلىشقا چاقىرغان. ئۇ بۇنىڭغا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى» چىقىرىپ، ئۇلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، «خىتاي بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنى >قايتا-تەربىيەلەش< لاگېرلىرىغا قاماپ، بۇنى ئاشقۇنلۇقنى تۈگىتىش چارىسىنىڭ بىر قىسمى، دەپ ئاقلىماقتا» ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇننىڭ ئالدىدا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى»نى چىقىرىپ، يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇرنى كەسكەن.  «كۆرۈش» تور ژورنىلىنىڭ 5- نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، ئەخمەد شاھىت دوكلاتىدا بۇ نىزامنىڭ دىنىي ئاشقۇنلۇقنىڭ ئىپادىلىرىنى  تۇتقۇن قىلىشنى كاپەلەتكە ئىگە قىلغانلىقى، خۇسۇسەن«ئىسلام ۋە ئۇيغۇر مەدىنىيىنى ئاشكارە نامايەن قىلغان، ساقال قويغان ياشلار، يۈزىنى ياپقان ئاياللار، ئاي-يۇلتۇز چۈشۈرۈلگەن نەرسىلەرنى ساقلىغان كىشىلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى»نى بىلدۈرگەن.

ئۇ يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان «ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» ھەركىتى ئۇنىڭ فالۇنگوڭ ۋە تىبەت قاتارلىق  باشقا دىنىي گۇرۇپپىلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنىمۇ نامايەن قىلىدىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەر كەمسىتىشكە خاتىمە بەرمىسە، باشقىلارنىنڭ كىملىكىنى چەتكە قېقىشنى ۋە مىللەتچىلىك ھۇجۇملىرىنى توختاتمىسا، زوراۋانلىق ۋە قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى يۈز بېرىشىگە تۈرتكە بولىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت