يەنە 15 ئادەم «تور قانۇنسىزلىقى» سەۋەبىدىن تۇتقۇن قىلىندى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017-11-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە 15 ئادەم «قانۇنسىز ئۇچۇر تارقىتىش ۋە قانۇنسىز سىن ماتېرىياللىرىنى ساقلاش ۋە تارقىتىش» قىلمىشلىرى بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتقۇن قىلىنغان.

«تەڭرى تاغ تورى» نىڭ خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىنتېرنېت ئۇچۇر باشقۇرۇش ئىشخانىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى بۇ نۆۋەتتە 15 قانۇنسىز ئۇچۇر تارقىتىش دېلوسىنى پاش قىلغانلىقى ۋە دېلو سادىر قىلغۇچىلارنىڭ ئىسىملىرىنىڭ خىتايچە باش خېتى، مىللىتى، يېشى، تۇرۇشلۇق ئورنى ھەمدە تارقاتقان ئۇچۇر ۋە سىنلىرىنىڭ مەزمۇن دائىرىسىنى ئېلان قىلغان. 

مەزكۇر تۇتقۇن قىلىنغان 15 ئادەمنىڭ 9 نەپىرى ئۇيغۇر بولۇپ، قالغان 6 كىشىنىڭ ئىچىدە بىر قازاق ۋە بىر تۇڭگان بار. قالغان تۆت نەپىرى خىتاي مىللىتىدىن ئىكەن.

ئۇلارغا ئارتىلغان قىلمىشلار ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىگە دېگۈدەك يانفونلىرى ئارقىلىق «تېررورلۇق، زوراۋانلىققا ئائىت ئۈن-سىنلەر ۋە ماتېرىياللار ساقلىغان ۋە تارقاتقان، QQ ۋە ئۈندىدار ئارقىلىق دوستلار چەمبىرىكىدە دىنىي ئەسەبىيلىككە ئائىت سۈرەتلەر ۋە ماتېرىياللار ھەم مىللىي بۆلگۈنچىلىككە ئائىت سۆز-نۇتۇقلار تارقاتقان» دېگەندەك قىلمىشلار بار. قازاق ۋە تۇڭگان تورداشمۇ ئۇيغۇرلار بىلەن ئوخشاش تۈردە ئەيىبلەنگەن، ئەمما تۆت نەپەر خىتاي تور قوللانغۇچىسىغا بولسا «سىياسىي ئۆسەك سۆز ۋە ساقتا تېررورلۇق ۋەقەسى ئۇچۇرى تارقىتىش» قىلمىشلىرى ئارتىلغان. 

ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتاي تور نازارەت قىلىش دائىرىلىرى ئىلگىرى-كېيىن 8 تۈركۈمگە بۆلۈپ، ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغاندا ھالدا بىر قىسىم كىشىلەرگە توردا قانۇنسىزلىق قىلمىشى سادىر قىلىش جىنايىتى ئارتىپ تۇتقۇن قىلغان. ئەمما ھازىرغىچە ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ سوتلىنىش ۋە قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنىش ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات تارقاتمىغان. ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، چېن چۈەنگو ئۇيغۇر دىيارىنى ئىدارە قىلىشقا تەيىنلەنگەندىن تارتىپ؛ مۇقىملىقنى قوغداش شوئارى ئاستىدا يۇقىرى بېسىملىق سىياسەتنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن بولۇپ، ئىنتېرنېت ۋە تور قوللانغۇچىلىرىغا بولغان نازارەت تېخىمۇ ئاشقانلىقى ئۈچۈن كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ يانفونلىرى ۋە ئۈندىدار مۇلازىمەتلىرىنى خاتىرجەم قوللىنالمايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت