ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا خىتاي كومپارتىيەسىنى «جىنايى ئىشلار تەشكىلاتى» دەپ ئېلان قىلىش ھەققىدە قانۇن لايىھەسى سۇنۇلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-10-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان ئاۋام پالاتا ئەزاسى سكوت پەرىي خىتاي كومپارتىيەسىنى ئامېرىكانىڭ «خەلقئارا جىنايى ئىشلار تەشكىلاتلىرى تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈش ھەققىدە قانۇن تەكلىپ لايىھەسى سۇنغان.

سكوت پەرىي ئۆزىنىڭ تورىدا ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا: «بۇ قانۇن ئامېرىكا قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگانلىرىنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يامان غەرەزلىك ھەرىكەتلىرىنى نىشان قىلىشى ئۈچۈن ئىستىراتېگىيەلىك كۆرسەتمە بىلەن تەمىنلەيدۇ،» دېگەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئامېرىكا ئەقلىي مۈلۈكلىرىنى ئوغرىلىشى، ئامېرىكا سىستېمىسىغا تور ھۇجۇمى قىلىشى، جاسۇسلۇق ۋە خەلقئارا فانتانىل ئەتكەسچىلىكى قاتارلىقلار بىلەن شۇغۇللىنىشى، ئۇنىڭ بۇ تىزىملىككە كىرىشى ئۈچۈن يېتەرلىك» ئىكەن.

سكوت پەرىينىڭ مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى تىم بۇرشەت، سكوت دەسجارلايس قاتارلىق ئىككى جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى قوللىغان. قانۇن لايىھەسىنىڭ دېموكراتلار كۆپ سانلىقتىكى ئاۋام پالاتاسىدا قوبۇل قىلىنىش-قىلىنماسلىقى مەلۇم ئەمەس. ئەمما سكوت پەرىينىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى ئۆزىنىڭ خەلقئارا جىنايىتى ئۈچۈن چوقۇم جاۋابكارلىققا تارتىلىشى، ئامېرىكا قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگانلىرى بىلەن تولۇق يۈزلىشىشى كېرەك ئىكەن.

سكوت پەرىي 1-ئۆكتەبىر كۈنى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 71 يىللىق ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇش نامايىشىدا سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ تۈرلۈك دەپسەندىچىلىكلىرىگە يول قويۇلۇپ كەلگەنلىكى، لېكىن بۇنىڭغا ئەمدى خاتىمە بېرىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ: «ئۇنىڭ جىنايى قىلمىشى ئېتىراپ قىلىنىشى، پۈتۈن دۇنيا جامائىتى ئامېرىكانىڭ باشچىلىقىدا بۇنىڭغا قارشى تۇرۇشى كېرەك،» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، قانۇن لايىھەسىدە ئامېرىكادىكى جىنايى ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغان خىتاي دىپلوماتلىرىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىش ھوقۇقىنى بىكار قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت