ئاۋسترالىيە ئەدلىيە مىنىستىرى: «ئاۋسترالىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ كوڭزى ئىنستىتۇتى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى تەكشۈرۈۋاتىمىز»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-07-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئاۋسترالىيە ئەدلىيە مىنىستىرى كرىستيان پورتېر 25‏-ئىيۇل كۈنى ئاۋسترالىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى كوڭزى ئىنستىتۇتلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كرىستيان پورتېر بۇ سۆزلەرنى ئاۋسترالىيەدىكى كۇۋىنسلاند ئۇنىۋېرسىتېتىدا نامايىش قىلىپ خوڭكوڭ نامايىشچىلىرىنى قوللىغان شۇنداقلا ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى تاقاشنى تەلەپ قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەسىنىڭ ئارقىسىدىنلا قىلغان. 24‏-ئىيۇل كۈنى كۇۋىنسلاند ئۇنىۋېرسىتېتىدا خوڭكوڭ نامايىشچىلىرىنى قوللايدىغانلىقى، يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى تاقاش تەلەپ قىلغان بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار بىلەن بۇ مەكتەپتىكى بېيجىڭپەرەس خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىققان. توقۇنۇشقا بېيجىڭپەرەس خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قارشى تەرەپكە ھۇجۇم قىلىشى سەۋەب بولغان.

ئاۋسترالىيە ABC تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خەۋىرىدە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئىككى تەرەپ مەكتەپ قورۇسىدا 4 سائەتتەك تىركىشىپ تۇرغان بولۇپ، ئاخىرى ساقچىلارنىڭ ئارىغا چۈشۈشى بىلەن تىنجىغان. ۋەقەدە ھېچكىم قولغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ۋەقە ئاۋسترالىيە ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغاپ، خىتاينىڭ ئاۋسترالىيەدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا پىكىر ئەركىنلىكىگە قانچىلىك تەھدىت سېلىۋاتقانلىقى تالاش-تارتىش قىلىنغان ئىدى.

ئاۋسترالىيە ئەدلىيە مىنىستىرىنىڭ 25‏-ئىيۇل بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ھۆكۈمەت 13 ئاۋسترالىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كوڭزى ئىنستىتۇتلىرى بىلەن ئىمزالىغان كېلىشىملىرىنىڭ يېقىندا ماقۇللانغان چەتئەللىكلەرنىڭ ئاۋسترالىيە ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش قانۇنىغا خىلاپ ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرمەكتە ئىكەن. ئۇ: «مەن مىنىستىرلىقىمىزغا بارلىق كوڭزى ئىنستىتۇتلىرى بىلەن ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئىمزالىغان كېلىشىملىرىنىڭ چەتئەل تەسىرىنى ئاشكارىلاش قانۇنىغا ئۇيغۇن ياكى ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈشنى بۇيرۇدۇم،» دېگەن.

ABC نىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە ئاۋسترالىيەدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا 190 مىڭ خىتاي ئوقۇغۇچى ئوقۇيدىكەن. خەۋەردە بۇ ئاۋسترالىيەدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار ئۈچۈن ياخشى تاپاۋەت بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە «ئىككى خىل سىياسىي مەدەنىيەت ئوتتۇرىسىدا جىددىيچىلىك پەيدا قىلىۋاتقانلىقى» تەكىتلەنگەن.

تولۇق بەت