ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئاۋسترالىيە ئېلېكتر تورىنى سېتىۋېلىشىنى رەت قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016-08-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى 2 خىتاي كارخانىسىنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئېلېكتر تورىنى سېتىۋېلىش پىلانىنى رەت قىلغان. ئاۋسترالىيە مالىيە مىنىستىرى سكوت مورىسون «دۆلەت بىخەتەرلىك مەنپەئەتى»نى كۆزدە تۇتۇپ، خىتاينىڭ ئاۋسترالىيە ئېلېكتر تورىنى سېتىۋېلىشىنى توسىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئېلېكتر شىركىتى بىلەن خوڭكوڭدىكى چاڭجياڭ ئاساسى ئەسلىھەلەر چەكلىك شىركىتى 7 مىليارد 700 مىليون دوللارلىق بۇ سودىغا خېرىدار بولغان ئىدى. ئەمما ئاۋسترالىيە مالىيە مىنىستىرى مورىسون جۈمە جۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە چېتىشلىق مەسىلىلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ سودا ساھەسى ۋە ھۆكۈمەتنى ھالقىلىق ئېنېرگىيە ھەم ئالاقە خىزمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بايقىدۇق» دېگەن.

لېكىن، ئاۋسترالىيەنىڭ قارارى دەرھال خىتاي سودا مىنىستىرلىقىنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىغان. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي سودا مىنىستىرلىقى باياناتچىسى سۈن جىۋېن، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قارارىنى «سودا بېكىنمىچىلىك خائىشى» دەپ تەنقىدلەپ، بۇنىڭ، خىتاي كارخانىلىرىنىڭ ئاۋسترالىيەگە مەبلەغ سېلىش ئاكتىپچانلىقى ۋە ئاۋسترالىيە-خىتاي سودا مۇناسىۋىتىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بۇ، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىل خىتاي شىركىتىنىڭ ئاۋسترالىيەدە كارخانا سېتىۋېلىشىنى 2‏-قېتىم رەت قىلىشىدۇر. بۇنىڭدىن سەل بۇرۇن بىر خىتاي كارخانىسى ئاۋاسترالىيەنىڭ بىر فېرمىسىنى سېتىۋالماقچى بولۇپ، رەت قىلىشقا ئۇچرىغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت