ئاۋسترالىيەدىكى بەزى خىتاي مۇتەخەسسىسلەر تېخنىكا شىركىتى قۇرۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى تەقىبلىشىگە ياردەملەشكەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-08-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئاۋسترالىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا يېتىشكەن ئۇچۇر تېخنىكا ساھەسىدىكى بەزى خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ خىتايدا تېخنىكا شىركىتى قۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى تەقىبلەشكە ياردەملەشكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتىنىڭ تورىدا 26‏-ئاۋغۇست كۈنى ئېلان قىلىنغان بىر دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، «كوئالا سۈنئىي ئەقىل تېخنولوگىيە» شىركىتى ئەنە شۇنداق كارخانىلارنىڭ بىرى ئىكەن. دوكلاتتا، بۇ شىركەتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ بۇ جەرياندا ئاۋسترالىيەدىكى ئۇنىۋېرسىتېت ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تەتقىقات مەبلىغىگە ئېرىشكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، بۇ شىركەتنى ئاۋسترالىيە كيۇنىسلاند ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر خىتاي پروفېسسورى قۇرۇپ چىققان بولۇپ، بۇ شىركەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالتاي ۋىلايىتىدىكى دىگىتال نازارەت سىستېمىسى ۋە خىتاي-قازاقىستان چېگراسىنى كونترول قىلىشىنى تېخنىكا بىلەن تەمىنلەپ كەلمەكتىكەن.

دوكلاتتا، خېڭ تاۋشېن ئىسىملىك خىتاي پروفېسسورنىڭ 2014‏-يىلى خىتاينىڭ «مىڭ تالانت پروگراممىسى» غا ئاۋاز قوشۇپ، خىتاي ئېلېكترون پەن-تېخنىكىسى ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئىشلىگەنلىكى، ئۇنىڭ 2015‏-يىلى «كوئالا سۈنئىي ئەقىل تېخنولوگىيە» شىركىتىنى قۇرۇپ، ھۆكۈمەتنى سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى بىلەن تەمىنلەشكە باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى دىگىتال تەقىبلەش سىستېمىسى بۇ شىركەتنى زور پايدىغا ئېرىشتۈرگەن. دوكلاتتا، بۇ شىركەتنىڭ ھازىرقى سەرمايىسى 200 مىليون دوللارغا يەتكەنلىكى، ئۇنىڭ 2020‏-يىلى سەرمايىسىنى 1 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈشنى پىلانلاۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە بۇ شىركەت تېخنىكىسىنى «ئۆزىنىڭ تەرەققىي قىلدۇرغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، لېكىن ئاۋسترالىيە تەتقىقات كومىتېتى ئىلگىرى خېڭ تاۋشىنغا 2 مىليون 600 مىڭ دوللار تەتقىقات ياردىمى بەرگەن ئىكەن. دوكلاتتا، ئۇنىڭ «كۇئالا سۈنئىي ئەقىل تېخنولوگىيە شىركىتى» نى قۇرغاندىن كېيىنمۇ خىتايدىكى تەجرىبىخانىسىغا بىر مىليون 600 مىڭ دوللار ياردەم ئالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت