ئاۋسترالىيە دائىرىلىرى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ سىدنېي توك يەتكۈزۈش لىنىيىسىنى ئىجارىگە ئېلىشىنى چەكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016-08-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پەيشەنبە كۈنى ئاۋسترالىيە دائىرىلىرى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ سىدنېينىڭ توك يەتكۈزۈش لىنىيىسىنى ئىجارىگە ئېلىشىنى چەكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مالىيە مىنىستىرى سىكوت موررىسون سۆزىدە، خىتاي دۆلەت ئىگىلىكىدىكى لىنىيە گۇرۇھى ۋە خوڭكوڭدا تىزىمغا ئالدۇرۇلغان چېڭكوڭ ئاساسىي قۇرۇلۇش گۇرۇھىنىڭ ئاۋسترالىيە تەۋە «ئاۋسگىرد» شىركىتىنىڭ 50.04 پىرسەنتلىك پېيىنى ئىجارىگە ئېلىشى دۆلەت مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ئەمەس، دېگەن. ئەمما موررىسون بۇ سودىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگە كەلتۈرىدىغان سەلبىي تەسىرلىرىنىڭ نېمىلىكى ھەققىدە تەپسىلى توختالمىغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر قارار چىققان تەقدىردە 10 مىليارد ئاۋسترالىيە دوللىرىلىق سودا ئەمەلگە ئاشماسلىقى ۋە بۇ كىرىم ئارقىلىق ياسالماقچى بولغان سىدنېي تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى ۋە ئاساسىي قۇرۇلۇش پىلانىمۇ ئەمەلدىن قېلىشى مۇمكىن ئىكەن.

بىراق ئاۋسترالىيە مالىيە مىنىستىرى موررىسون بۇ ھەقتە توختىلىپ، «چەتئەل مەبلىغى، بولۇپمۇ يۇقىرىقىدەك مۈلكلەرگە سېلىنىدىغان مەبلەغلەرگە كەلگەندە دۆلەت مەنپەئەتى ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ»، دېگەن.

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى بولسا ئاۋسترالىيە دائىرىلىرىنىڭ بۇ قارارىنى ئەيىبلىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە بارغانسېرى ئىغۋاگەر پوزىتسىيىدە بولۇشى ئاۋسترالىيەدە ھازىر خىتاي شىركەتلىرىنىڭ، بولۇپمۇ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ مەبلىغىگە قارىتا تالاش - تارتىش ئىنكاسى پەيدا قىلماقتا ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت