ھىندونېزىيەنىڭ 162 يولۇچى بىلەن ئۇچقان بىر ئايروپىلانى تۇيۇقسىز غايىب بولغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2014-12-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ھىندونېزىيەنىڭ «ئاسىيا ھاۋا يولى-8501» ناملىق بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى ئۆتكەن شەنبە شۇ يەر ۋاقتى كەچ سائەت 23 يېرىمدا تۇيۇقسىز غايىب بولغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئايروپىلان ھىندونېزىيەنىڭ سۇرابايا شەھىرىدىن سىنگاپورغا قاراپ ئۇچقان بولۇپ، ئايروپىلاندا جەمئىي 162 يولۇچى بار ئىكەن.

ھىندونېزىيە دائىرىلىرى دەرھال ھاۋا ۋە سۇدىن ئىزدەش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغا قەدەر غايىب بولغان ئايروپىلاننىڭ قەيەرگە چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى جەزم قىلالمىغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن جاكارتادىن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندونېزىيە ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ مەزكۇر ئايروپىلاننى ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، مەزكۇر ئايروپىلاننىڭ «دېڭىز تېگىگە چۈشۈپ كەتكەنلىكى» دەك ئېھتىماللىقنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بۇ ۋەقە شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادا بۇ يىل 8-مارتتا مالايشىيا ھاۋا يوللىرى ئايروپىلانىنىڭ 239 نەپەر يولۇچى بىلەن غايىب بولۇشىدىن كېيىنكى يەنە بىر سىرلىق ئايروپىلان ھادىسىسى بولۇپ قالغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت