«ئازادلىق رادىئوسى» نىڭ ئەزەربەيجاندىكى 10 نەپەر خادىمى تەقىبگە ئۇچرىغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2014-12-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، «ئازادلىق رادىئوسى» نىڭ ئەزەربەيجاندا تۇرۇشلۇق 10 دەك مۇخبىرى ۋە خادىملىرى تۇتقۇن قىلىنغان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئەزەربەيجان ساقچىلىرى ئۆتكەن جۈمە كۈنى «ئازادلىق رادىئوسى» نىڭ باكۇدىكى ئىشخانىسىغا تۇيۇقسىز بېسىپ كىرىپ، ئاخبارات خادىملىرىنى تۇتقۇن قىلغان. ئىشخانىدىكى كومپيۇتېر، ئېلېكترونلۇق ئەسۋابلار، ھۆججەت-ماتېرىياللار ۋە باشقا نەرسىلەرنى مۇسادىرە قىلغان شۇنداقلا مەزكۇر ئىشخانىنى پېچەتلىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، «ئازادلىق رادىئوسى» نىڭ ئەزەربەيجاندىكى ئاڭلىتىش خىزمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆپ قېتىم ئەزەربەيجان دائىرىلىرىنىڭ تەقىپلەش نىشانى بولۇپ كەلگەن. ب ب س بىلەن «ئامېرىكا ئاۋازى» نىڭ ئەزەربەيجان تىلىدىكى ئاڭلىتىشى 2009-يىلى مەجبۇرىي توختىتىلغان.

ئەزەربەيجان دائىرىلىرىنىڭ «ئازادلىق رادىئوسى» غا يۈرگۈزگەن تەقىپلىرى بۇ يىل 12-ئايدا يۇقىرى پەللىگە چىققان. يەنى «ئازادلىق رادىئوسى» نىڭ ئەزەربەيجاندا تۇرۇشلۇق داڭلىق مۇخبىرى خەدىچە ئىسمايىلوۋا تۇتقۇن قىلىنغان.

كۆزەتكۈچىلەر خەدىچە ئىسمايىلوۋانىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ئۇنىڭ ئەزەربەيجان پرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېف ئائىلىسىنىڭ شەخسىي تىجارەت مەخپىيەتلىكىنى ئېچىشقا ئۇرۇنۇشى سەۋەبىدىن بولغان، دەپ قارىماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت