ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما ئىراننى يادرو قوراللار مەسىلىسىدە ئاشكارا بولۇشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2013-09-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما 24-سېنتەبىر كۈنى نيۇيوركتا ئېچىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 68-قېتىملىق يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئىراننى يادرو قوراللار مەسىلىسىدە ئاشكارا بولۇشقا چاقىردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە، ئوبامانىڭ ئىراننىڭ يادرو قوراللىرى مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، ئىراننى يادرو قوراللار مەسىلىسىدە ئاشكارا بولۇشقا، يادرو قوراللارنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىرغانلىقى بايان قىلىندى. ئوباما سۆز قىلىشتىن ئىلگىرى ئىران پرېزېدېنتى ھاسان روھانى سۆز قىلىپ، ئىرانغا قارىتىلغان قورال ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما يەنە سۈرىيىنىڭ خىمىيىلىك قوراللار مەسىلىسى ھەققىدىمۇ توختالغان. ئوباما سۆزىدە، خەلقئارانى پىكىردە بىرلىككە كېلىپ، ئەگەر سۈرىيە ھۆكۈمىتى خىمىيىۋىي قوراللارنى بىر تەرەپ قىلىش ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىسا، ئاقىۋىتىگە ئۆزى ئىگە بولۇشى كېرەكلىكى ھەققىدىمۇ قارار چىقىرىشنى تەشەببۇس قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت