خىتاينىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا دائىر مەزمۇنلار چىقىرىۋېتىلگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-07-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۇ يىل خىتاينىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ 6‏-يىللىق «تىل-ئەدەبىيات» دەرسلىكىدىكى ئۇيغۇرلار تونۇشتۇرۇلغان مەزمۇنلار چىقىرىپ تاشلانغان.

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ ئەھۋال نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» نىڭ پۈتۈن خىتاي مىقياسىغا كېڭەيگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. خىتاينىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ 6‏-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىغا چىقارغان بۇرۇنقى «تىل-ئەدەبىيات» دەرسلىكىدە خوتەندىكى ئۇيغۇرلار تونۇشتۇرۇلۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتنى سۆيىدىغان، ئۈمىدۋار بىر خەلق ئىكەنلىكى تەسۋىرلەنگەن ئىدى. لېكىن ئىتالىيەدىكى «زىمىستان» ناملىق تور بېكىتىنىڭ يېقىندا خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بۇ مەزمۇن بۇ يىللىق «تىل-ئەدەبىيات» دەرسلىكىدىن چىقىرىۋېتىلگەن بولۇپ، بۇ ئەھۋال بەزى خىتاي ئوقۇتقۇچى ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017‏-يىلى 4‏-ئايدىن باشلاپ پۈتكۈل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون مىقياسىدا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى قوزغاپ، 2 مىليوندەك كىشىنى لاگېرلارغا قاماش بىلەن بىر ۋاقىتتا ھۆكۈمەت ۋە مائارىپ سىستېمىسىدا ئۇيغۇر تىلىنى چەكلەپ، ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئۆتۈش ۋە ئۇيغۇر تىلىدا دەرسلىك ماتېرىيالى بېسىشنى بىردەك توختاتقان ئىدى.

«زىمىستان» تورىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى بەزى ئاتا-ئانىلار مەزكۇر تور بېتىگە بەرگەن ئۇچۇرىدا «تىل‏-ئەدەبىيات» دەرسلىكىدىكى خوتەنلىك ئۇيغۇرلار تونۇشتۇرۇلغان ماقالىنىڭ ئۆتكەن يىلقى دەرسلىكتە بارلىقى، ئۇنىڭ بۇ يىل چىقىرىۋېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە يەنە مەزكۇر دەرسلىكتىكى «تىبەت درامىسى» دا تىلغا ئېلىنغان «ھايات بۇددا» ھەققىدىكى سۆزلەرنىڭ چىقىرىۋېتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بىر ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تېكىستنىڭ چىقىرىۋېتىلگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ، «چۈنكى ئۇيغۇرلار مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى قوللىمايدۇ، شۇڭا چىقىرىۋېتىلگەن بولۇشى مۇمكىن» دېگەن. «زىمىستان» تورىنىڭ خەۋىرىدە «دەرسلىك مەزمۇنىنىڭ شىنجاڭدىن باشقا ئۆلكىلەردە ئۆزگەرتىلىشى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ شىنجاڭ بىلەن چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ،» دېيىلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت