خىتاي ھۆكۈمىتى مەبلەغ سالغان «بايانداي» ناملىق فىلىمنى قويۇش مۇراسىمى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2014-12-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشۋىقات بۆلۈملىرى بىرلىكتە پىلانلىغان «بايانداي» ناملىق فىلىمنىڭ تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمى يېقىندا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن.

«بايانداي» ناملىق فىلىمدە خىتايدىكى ئاتاقلىق يازغۇچى ۋاڭ مېڭنىڭ 1960 - يىللاردا غۇلجىنىڭ بايانداي يېزىسىدا بېشىدىن كەچۈرگەن ئىش - پائالىيەتلىرى ئاساسىي لىنىيە قىلىنغان. ئۇنىڭدا بېيجىڭدىن ئۇيغۇر يېزىلىرىغا چۈشۈرۈلگەن بىر خىتاي يازغۇچىنىڭ كۆزى ئارقىلىق ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ خاراكتېرىنى يورۇتۇپ بېرىشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن.

مەلۇمكى، ۋاڭ مېڭ خىتايدىكى داڭلىق يازغۇچى بولۇپ، ماۋ زېدۇڭ دەۋرىدە جازالىنىپ غۇلجىنىڭ بايانداي يېزىسىغا پالانغان. 1980 - يىللاردا خىتاي مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى بولغان. 1989 - يىلىدىكى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە ھېسداشلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلانغان.

«بايانداي» ناملىق فىلىمنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، غۇلجا شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن بېيجىڭ «نەنخەي» كىنوچىلىق شىركىتى، جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى شىنجاڭ شۆبىسى قاتارلىقلار ئورۇنلار بىرلىشىپ ئىشلىگەن ئىكەن.

يازغۇچى ۋاڭ مېڭنىڭ ئەينى ۋاقىتتا غۇلجىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئارىسىدا ئۆتكۈزگەن بىرقانچە يىللىق ھاياتىنىڭ كىنو قىلىپ ئىشلىنىشى ۋە ئۇنىڭ ئاتالمىش «مىللەتلەر ئىتتىپاقى» تېمىسى ئۈچۈن تاللىنىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت