«بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» نىڭ قۇرۇق سۆلىتى بارغانسېرى ئاشكارا بولماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-05-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئانالىزچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا 2-قېتىملىق «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» مەجلىسى چاقىرىلغاندىن كېيىن مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ «تېشى پال-پال، ئىچى غال-غال» قىياپىتى بارغانسېرى كۆپلەپ ئاشكارا بولۇشقا باشلىدى. ئامېرىكىدىكى ئوقۇرمەنلىرى بىرقەدەر كۆپ بولغان سىياسىي ئانالىز گېزىتلىرىدىن «بلومبېرگ پىكىرلىرى» نىڭ 1-مايدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان مېھىر شارما ئىمزاسىدىكى مەخسۇس ماقالىدا بۇ مەسىلە ئالاھىدە تەھلىل قىلىنىدۇ.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىندا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئوبدانلا «ھورىدىن چۈشكەن» ھالدا سۆز قىلغان. ئۇ سۆزىدە بۇ قۇرۇلۇشتا ھېچقانداق چىرىكلىكنىڭ بولماسلىقىغا كېپىللىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھەتتا خىتاينىڭ باش رىقابەتچىسى بولغان ياپونىيە تەرەپنىڭ «خىتاي سالغان قۇرۇلۇشلارنىڭ سۈپىتى بەكلا ناچار» دېگەن تەنقىدىنى قوبۇل قىلغان ھالدا «‹بىر بەلۋاغ بىر يول› غا مۇناسىۋەتلىك قۇرۇلۇشلىرىمىزدا سۈپەتسىز قۇرۇلۇشقا ئورۇن بەرمەيمىز» دېگەن.

ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ياۋروپا ۋە ئاسىيادىكى ھازىرغىچە ئۆزى قاتناشقانلىكى يىغىن ۋە ئۇچرىشىشلاردا ساھىبخانا دۆلەتنىڭ قانداق قاراشتا بولۇشى ياكى شۇ دۆلەتنىڭ سىياسەتلىرىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىشى بىلەن ھېچقانداق ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايلا ئىزچىل «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» نىڭ تەشۋىقاتىنى قىلغان. شۇنىڭدەك ئاشۇ دۆلەتلەرنى بۇنىڭغا مەبلەغ سېلىشقا قىزىقتۇرغان. بۇنىڭ بىلەن كۆپلىگەن مەملىكەتلەرگە خىتاينى ناھايىتى بىخەتەر بىر مەبلەغ نىشانى قىلىپ تەسۋىرلەشكە تىرىشقان. ھالبۇكى مۇشۇ قېتىملىق يىغىندا شى جىنپىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرغىچە «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» غا 90 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سالغانلىقىنى جاكارلىغان. ئەمما پۈتكۈل قۇرۇلۇشنىڭ ئومۇمى خامچوتىغا نىسبەتەن بۇ يوقنىڭ ئورنىدىكى پۇل بولۇپ، ئاپتورنىڭ قارىشىچە، مۇشۇنىڭ ئۆزىلا خىتاينىڭ ئەمەلىيەتتە باشقىلار ئويلىغاندەك ئۇنچىۋالا باي ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بىر ئەھۋال ئىكەن.

ئاپتور نۆۋەتتە شى جىنپىڭنىڭ بارغانسېرى كۆپ غەرب دۆلىتىنى بۇ قۇرۇلۇشقا قاتنىشىشقا چاقىرىق قىلىشىدىكى تۈپ سەۋەبنى مەبلەغنىڭ يېتىشمەسلىكىگە باغلايدۇ ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەربتىن مەبلەغ «ھەل قىلىپ» بۇ ئارقىلىق مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ «ماتور» ئىنى ماڭدۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بۇنىڭغا مەبلەغ سېلىشىدا دەرۋەقە قىسمەن ئىقتىسادىي مەنپەئەتلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ بۇ قۇرۇلۇشقا مەبلەغ سېلىشى ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا بەند قىلىپ، بىر پۈتۈن مىللەتنى ئۆزگەرتىش ئۇرۇنۇشىغا ۋاسىتىلىك ياردەم بېرىش بولۇپ قالىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ بولسا ئاقىۋەتتە خىتاينىڭ زۇلمەتلىك سىياسەتلىرىگە شېرىك بولۇشقا ئاپىرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ. ئۇ بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللارنى خۇلاسىلەپ «خىتاينىڭ ۋەھشىيلىكلىرىنى قوبۇل قىلىش ئەمەلىيەتتە قورقۇنچاقلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ھالبۇكى، بۇنىڭدا جىلۋىدار مەنپەئەتلەرنىڭ كۆز قىسىشى ھەم مەۋجۇت» دەيدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت