BBC ئاگېنتلىقى: ئۇيغۇرلار سىياسىي دەرد - ئەلەملىرى ۋە دىنىي ھەسرەتلىرىنى ئوچۇق ئىپادىلىيەلمەيدۇ

مۇخبىرىمىز جۈمە
2015-01-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


ئەنگىلىيەدىن چىقىدىغان BBC ئاگېنتلىقى يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىگە مۇخبىر ئەۋەتىپ مەخسۇس خەۋەر ئىشلىگەن ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى سۈرەتلەشكە تىرىشقان.

BBC نىڭ 2 - يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، قەشقەردىكى بىر كەچلىك بازارنى زىيارەت قىلغان BBC مۇخبىرى كەرىي گرېيسى خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر سىياسىي تەھدىت ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى سۈرەتلەپ مۇنداق دەيدۇ: سىز بۇ بازاردىكى كىشىلەرنى ئۇنچىلىك ئارامخۇدا ئولتۇرىدۇ، دەپ ئويلاپ قالماڭ. سىز ئۇلاردىن نېمە تاماق يەۋاتقانلىقىنى، قانداق تۇماق كىيگەنلىكىنى سورىيالايسىز، ئەمما ئۇلار ئۆزىنىڭ سىياسىي دەرد - ئەلەملىرى ۋە دىنىي ھەسرەتلىرىنى ئوچۇق ئىپادىلىيەلمەيدۇ.

مۇخبىر مەخسۇس پروگراممىدا يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى چەكلەش ۋە ئاتالمىش تېررورلۇققا قارىشى تۇرۇش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان تەدبىرلەرنىڭ ئىنسانىي ئەركىنلىكنى ئېغىر دەپسەندە قىلغانلىقىنى بايان قىلىدۇ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر جازا تۈپەيلى، ئۆزلىرى يولۇقۇۋاتقان تەڭسىز ۋەزىيەت ئۈستىدە گەپ ئىچىشتىن ئېھتىيات قىلىدىغانلىقىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىدۇ.

پروگراممىدا مۇخبىر مۇنۇلارنى بايان قىلىدۇ: ھۆكۈمەتنىڭ مەزكۇر ئۆلكىدە ساقچى خام چوتىنى بىر نەچچە ھەسسە ئۆستۈرۈپ، نەچچە يۈزلىگەن ئۇيغۇرنى تۈرمىگە تاشلىشىغا قارىماي، زوراۋانلىق تۈسىدىكى ھۇجۇملار ئىزچىل يۈز بېرىپ تۇردى. كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ دىنىي باستۇرۇش سىياسىتى ئارقىلىق مەسىلىنى تېخىمۇ ئۇلغايتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

پروگراممىغا قارىغاندا، مۇخبىر ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ ئۈجمە يېزىسىغا بېرىپ، 2013 - يىلى 28 - ئۆكتەبىر تيەنئەنمېن ئاپتوموبىل ھۇجۇمىنى تەشكىللىگەن ئوسمان ھەسەننىڭ مەھەللىسى تەكشۈرۈشكە ئورىنىدۇ.

ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلا قېتىملىق مەخپىي ۋە ئوچۇق - ئاشكارا سەپىرى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرايدۇ.

ئۆتكەن يىلى سېنتەبىردە ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىپ مەخسۇس پروگرامما ئىشلىگەن ئاۋسترالىيە مۇخبىرى ستېفېن مكدونېلمۇ ئەنگلىيە مۇخبىرىغا ئوخشاش قىسمەتكە يولۇققان.

ئۇ، نەگىلا بارسا خىتاي مەخپىي ساقچىلىرى ئارقىسىغا ئەگىشىۋالغانلىقىنى ناھايىتى قىزىقارلىق بايان قىلىپ مەخسۇس پروگرامما ئىشلىگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت