كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارى مىشەل باچلېت خانىم: «ئۇيغۇر ئېلىگە قىلىدىغان زىيارىتىمىز دەخلى-تەرۇزسىز بولۇشى كېرەك»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-02-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ باشلىقى مىشەل باچلېت خانىم «ئۇيغۇر ئېلىگە قىلىدىغان زىيارىتىمىز چوقۇم دەخلى-تەرۇزسىز بولۇشى كېرەك،» دېگەن تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خىتاينىڭ ب د ت دىكى ئەلچىسى 26-فېۋرال كۈنى قىلغان بىر سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويۇۋاتقان سىياسەتلىرىگە قارىتىلغان تەنقىدلەرنى رەت قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتە زور تەرەققىياتلار بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ باشلىقى مىشەل باچلېت خانىمنى بۇ تەرەققىياتلارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ كېلىشكە تەكلىپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. 

«ئەل-جەزىرە» تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مىشەل باچلېت خانىم بۈگۈن كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ جەنۋەدىكى يىغىنىدا سۆز قىلغاندا بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرغان. ئۇ سۆزىدە خىتاي ئەلچىسىنىڭ تەكلىپىنى قارشى ئېلىش بىلەن بىرگە بۇ زىيارەتنىڭ چەكلىمىسىز بولۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىز خىتاينىڭ زىيارەت تەكلىپى بويىچە رايونغا ئالدىن بارىدىغان تەييارلىق گۇرۇپپىىسنىڭ چەكلىمىسىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇلۇشىنى داۋاملىق تەلەپ قىلىمىز. بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە شۇنداقلا خىتاينىڭ ئومۇمىي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە قارىتا چوڭقۇر تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى خالايمىز.» 

خىتاي دائىرىلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا مۇستەقىل تەكشۈرگۈچى ئەۋەتىش تەلىپىنى رەت قىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە ئالدىن تەييارلانغان زىيارەتلەرنى ئۇيۇشتۇرغان. ھالبۇكى، خىتاينىڭ بۇ تەشۋىقات ھەرىكەتلىرى خەلقئارانى قايىل قىلالمىغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت