خىتاي ھۆكۈمىتى ب د ت دىكى ئۇيغۇرلارغا بېغىشلانغان يىغىندىن قاتتىق بىئارام بولدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-09-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا 24-سېنتەبىر كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) دا ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان ئىجتىمائىي پاجىئەلەر ھەققىدە بىر قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلىش ھارپىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر يىغىننى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن كۆپلەپ ھەرىكەت قىلدى.

«ھىندىستان ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 24-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى بۇ مەسىلىدە ئەيىبلىگەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىزنىڭ تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەتلىرىمىزنىڭ مول نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكىنى كۆرمەسكە سېلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ب د ت دا شىنجاڭ مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلىشى بىزنىڭ ئىچكى ئىشلىرىمىزغا ئارىلاشقانلىق» دېگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكانىڭ بۇ قېتىمقى يىغىننى دەرھال بىكار قىلىشىنى تەلەپ قىلغان. ئەمما يىغىن ئەسلىدىكى پىلان بويىچە ئۆز ۋاقتىدا ئېچىلغان ھەمدە نەق مەيداندىن جانلىق شەكىلدە تارقىتىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت