ب د ت دىكى مۇتەخەسسىسلەر خىتايغا مەكتۇب يېزىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىگە بولغان ئەندىشىلىرىنى بىلدۈرگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-11-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ب د ت نىڭ بىر قانچە مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتىگە مەكتۇب يېزىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىگە ئالاقىدار بىر قاتار مەسىلىلەرگە قارىتا ئەندىشىلىرىنى ئىپادىلىگەن.

مەكتۇبتا خىتاينىڭ غايىب بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقىۋىتى ۋە خىتاينىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» نىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەرگە چۈشەنچە بېرىشى تەلەپ قىلىنغان. بۇ مەكتۇب ب د ت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ يېقىنقى بىر يىل ئىچىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە يازغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى 2‏-مەكتۇبىدۇر. ئۇلار ئۆتكەن يىلى 11‏-ئايدا بىر قېتىم مەكتۇب يېزىپ، بۇ مەسىلىلەرگە چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ مەكتۇبىغا ھېچقانداق جاۋاب بەرمىگەن ئىدى.

بۇ قېتىمقى مەكتۇبنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىش ئىشلىرى خىزمەت گۇرۇپپىسى، مائارىپ ھوقۇقى خىزمەت گۇرۇپپىسى، پىكىر ۋە ئىپادە ئەركىنلىكى خىزمەت گۇرۇپپىسى، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىشلىرى خىزمەت گۇرۇپپىسى قاتارلىق 10 خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر يازغان.

مەكتۇپتا ئۇيغۇرلارنى غايىب قىلىۋېتىش مەسىلىسى ھەققىدە توختىتىلىپ، «'قايتا-تەربىيەلەش ئورۇنلىرى' نىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن كۈچىيىشكە باشلىغان ناھايىتى نۇرغۇن ساندىكى ئۇيغۇرنىڭ مەجبۇرىي غايىب بولۇشىغا قارىتا ئەندىشىلىرىمنى ئىپادىلەيمىز. غايىب بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلىۋاتقان يېرىم مىليوندەك كىشىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى ھازىرغىچە مەلۇم ئەمەس. مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىش، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھەقلىرىگە، جۈملىدىن ئاياللارغا ئەجەللىك تەسىر قىلماقتا،» دېيىلگەن. 

مەكتۇپتا يەنە «خىتاي تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ، قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىش، ئۇيغۇر كىملىكىنى جىنايەتلەشتۈرۈش ۋە زوراۋانلىق تۈسىدىكى نازارەت تەدبىرلىرىگە قارىتا ئەندىشىلىرىنى ئىپادىلىگەن. مەكتۇبنىڭ ئاخىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» نى ئۇيغۇر رايونىدا قانداق ئىجرا قىلىۋاتقانلىقى، شەخسلەرنىڭ بىئومېتىرىك ئۇچۇرىنى قوغداشقا قانداق كاپالەتلىك قىلىۋاتقانلىقى قاتارلىق 11 خىل سۇئالغا جاۋاب بېرىشى تەلەپ قىلىنغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت