ب د ت نىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە جىددىي قارىشى چاقىرىق قىلىندى

مۇخبىرىمىز ئالىم سېيىتوف
2020-03-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بىلەن خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق مۇلازىمەت تەشكىلاتى 12-مارت كۈنى جەنۋەدە بايانات ئېلان قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا كۈندىن-كۈنگە يامانلىشىپ كېتىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە جىددىي قارىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئىككى تەشكىلات ئورتاق ئېلان قىلغان بۇ باياناتتا ئەگەر ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ب د ت نىڭ باش سېكرېتارى ئانتونىئو گۇتېرېسنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ھەرىكىتىنى باشلاش چاقىرىقىغا سەل قارىسا، ئۇ ھالدا بۇ كېڭەشنىڭ ئۆزىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش ۋەزىپىسىنى بەجا كەلتۈرەلمىگەنلىكىنى ئىسپاتلايدىكەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتنىڭ جەنۋەدە تۇرۇشلۇق مۇدىرى جون فىشېر مۇنداق دېگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتى ب د ت نىڭ شىنجاڭنى شەرتسىز زىيارەت قىلىش تەلىپىگە قارشى ئىنكار قىلىش، يالغانچىلىق توقۇش ۋە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۆزىدىكى مۇسۇلمان خەلقلەرگە يۈرگۈزگەن كىشىلىك ھوقۇق قاباھىتى توغرىسىدا ئېغىز ئاچماسلىق مەقسىتىدە بېسىم ئىشلەتكەن.» ئۇ يەنە: «ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىكى دۆلەتلەر كوللېكتىپ ھالدا سۆز قىلىشى ۋە مۇستەقىل ھالدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك،» دېدى.

خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق مۇلازىمەت تەشكىلاتىنىڭ خادىمى سارا برۇكس مۇنداق دېگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ كېڭەشنى ئۆزىنىڭ شىنجاڭ تەشۋىقاتى بىلەن تولدۇرۇۋەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئۇنىڭ باش كومىسسار باچېلېت خانىمدىن لاگېردىن چىققانلاردىن، ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن، ئائىلىسىدىن، مۇتەخەسسىسلەردىن ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدىن تۇنجى قول ئۇچۇرغا ئېرىشىشى ھالقىلىقتۇر.»

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت