ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىرلىكتە ب د ت دىن خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى قارار ماقۇللاشنى تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-01-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارشى بىر قارار ماقۇللاشقا چاقىرماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنى «يېپىق تەربىيە لاگېرلىرى» غا قاماپ، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقى كۈچلۈك نارازىلىق قوزغاۋاتقان بىر پەيتتە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 30 دىن ئوشۇق ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىرلىكتە ئوچۇق مەكتۇپ ئېلان قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارلىقى ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرىدىن خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئەيىبلەش ھەققىدە بىر قارار قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

30-يانۋار چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان مەزكۇر ئوچۇق خەتكە ئامېرىكا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئەركىن تىبەت، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى قاتارلىق 37 ئاممىۋى تەشكىلات ئاۋاز قوشقان.

ئوچۇق خەتتە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق ھالدا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن مۇستەقىل زىيارەت قىلىشنى تەلەپ قىلىشى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلى، تىبەت قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنى تەكشۈرۈشى تەلەپ قىلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارلىقىدىكى 47 ئەزا دۆلەت بۇ يىل 2-ئاينىڭ 25-كۈنى جەنۋەدە 20-نۆۋەتلىك ئومۇمى يىغىنىنى ئاچىدىغان بولۇپ، يۇقىرىدىكى بۇ تەشكىلاتلار مەكتۇپىدا ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەرنى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا ئۈندىگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت