بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2020-03-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

10-مارت جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە كىروۋاتىيە ۋەكىلى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە يېغىۋېلىش لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارى مېشىل باچېلىت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەرنى ئۇيغۇر رايونىنى چەكلىمىسىز تەكشۈرۈشىگە رۇخسەت قىلىشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلىت 2018-يىلى سېنتەبىردە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى «قايتا تەربىيەلەش» لاگېرلىرى مەسىلىسىنىڭ تەكشۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان ئىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يازما باياناتىدا تېخىمۇ تەپسىلىي بايان قىلىنغان بولۇپ، جازا لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى، ئۇيغۇرلارغا بولغان نازارەتنىڭ كۈچلۈكلۈكى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ چەكلەنگەنلىكى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قاتارلىق كۆپ خىل مەزمۇنلار دوكلات قىلىنغان.

دوكلاتنىڭ ئاخىرىدا يەنە 2014-يىلى ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىلھام توختى قاتارلىق زىيالىيلار كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە ئادۋوكاتلارنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشى تەلەپ قېلىنغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت