ب د ت نىڭ باش كاتىپى يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىشقا چاقىرىلدى

مۇخبىرىمىز سادا
2019-09-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق بىرلەشمىسى، خەلقئارا قانۇنشۇناشلار كېڭىشى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق تەشكىلاتلار 17-سېنتەبىر ب د ت نىڭ باش كاتىپى ئانتونىيو گۇترېسقا خەت يېزىپ، ئۇنى ئۆزلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىشقا چاقىردى.

17-سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكادىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئېلان قىلغان خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، يۇقىرىقى تەشكىلاتلار ئانتونىيو گۇترېسنى خىتاينىڭ چېكىدىن ئاشقان سىياسىتى ۋە رايوندىكى «سىياسىي تەربىيە» لاگېرلىرىنىڭ دەرھال تاقىلىشى ئۈچۈن خىتايغا قارىتا ئوچۇق-ئاشكارا ھەم كەسكىن ئەيىبلەش ئېلىپ بېرىشقا ئۈندىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئانتونىيو گۇترېس مۇشۇنداق قىلسا ب د ت دا خىزمەت ئۆتەۋاتقان مەزگىلىدە ب د ت ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان ھېسابلىنىدىكەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى كەننىس رۇس سۆز قىلىپ، «ئانتونىيو گۇترېس ب د ت دىكى ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلارنى تاقاش ئۈچۈن كەسكىن چاقىرىق قىلىشى كېرەك. خىتاينىڭ ئەڭ يېڭى باستۇرۇش دولقۇنلىرىنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلىنىۋاتقان سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ تەقدىرى گۇترېسنىڭ بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ قارشىسىدا تۇرۇپ ئۇلاردىن ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زىيانكەشلىكلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىش-قىلالماسلىقىغا باغلىق،» دېگەن.

خەۋەردە ئانتونىيو گۇترېسقا خەت يازغان يۇقىرىقى تەشكىلاتلار ئۇنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالىي كومىسسارى مىشېل بەچلېتنىڭ رايوندا چەكلىمىسىز زىيارەتتە بولۇشى ئۈچۈن خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشى كېرەكلىكى ئېيتىپ ئۆتۈلگەن شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش قىلمىشلىرىغا قاتتىق رەددىيە بىلدۈرۈپ، كىشىلىك ھوقۇق تەرەپدارى بولۇشى كېرەكلىكى ئالغا سۈرۈلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت