ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە خىتاي ۋەكىلى ئامېرىكانىڭ قاتتىق زەربىسىگە ئۇچرىغان

مۇخبىرىمىز سادا
2019-09-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

24-سېنتەبىر نيۇ-يوركتا ئېچىلغان ب د ت نىڭ 74-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئەمىنلىكى ۋە مىللەتلەرنىڭ بەختىيار تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش يولىدا كۆپ كۈچ چىقارغانلىقىنى ئېيتىش بىلەن بىرگە، ئامېرىكانى خىتايغا «قەستەن تۆھمەت چاپلىدى» دەپ ئەيىبلىگەن. ئۇ دۇنيانى بۇنداق «يالغانچىلىق» لارنىڭ دامىغا چۈشۈپ كەتمەسلىككە چاقىرغان. ھالبۇكى، 25-سېنتەبىردىكى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ۋاڭ يىنىڭ يۇقىرىقى گەپلىرى ئامېرىكا تەرەپنىڭ كۈچلۈك رەددىيىسىگە ئۇچرىغان.

«سۇپچىنا» تورىنىڭ 25-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، شۇ كۈنى ب د ت دا ئېچىلغان خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ۋاڭ يى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى «بەختىيار» ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ كەتكەن. 

بۇنىڭغا قارشى ئامېرىكانىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي مۇئاۋىن ۋەكىلى جوناسان كوھېن ئىنكاس بىلدۈرۈپ، ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلغانلىقىنى ئىپادە قىلغان. ئۇ سۆزىدە يەنە «خىتاينىڭمۇ باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشاش دۆلەت ئىچىدىكى ھەقىقىي تېررورلۇق تەھدىتلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ھوقۇقى بار. ئەمما بۇ ھوقۇق تىنچ يوسۇندا دىنىي پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان بارلىق مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى باستۇرۇشنىڭ باھانىسى بولۇپ قالماسلىقى كېرەك،» دېگەن. 

دەل مۇشۇ گەپلەر بولۇنغاندا ۋاڭ يى يىغىن زالىدىن چىقىپ كەتكەن. ئارقىدىن خىتاينىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي مۇئاۋىن ۋەكىلى ۋۇ خەيتاۋ سۆز ئېلىپ، ئامېرىكانى پاكىت ۋە ھەققانىيەتنىڭ قارشىسىدىن ئورۇن ئالماسلىق ھەققىدە جار سالغان. 

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر مەسىلىسى بۇ يىل ئىيۇن ئېيىدا ئامېرىكا-گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدا ئېچىلغان يېپىق شەكىلدىكى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە بىر قېتىم سەھنىگە قويۇلغان ئىكەن. ھالبۇكى، بۇ قېتىم بۇ مەسىلىنىڭ تۇنجى بولۇپ مۇشۇنداق ئوچۇق سورۇندا مۇنازىرە تېمىسى بولۇشى ھېسابلىنىدىكەن. 

مەلۇم بولۇشىچە، «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» تەرىپىدىن يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىدىغان «خىتاي مۇنبىرى» يىغىنى 26-27-سېنتەبىر ئېچىلىدىغان بولۇپ، يىغىندا خىتاينىڭ چېكىدىن ئاشقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن. مەزكۇر يىغىنغا تەكلىپ قىلىنغان مۇھىم مېھمانلاردىن گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنزمۇ مۇھىم سۆز قىلىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت