قۇززات ئالتاي ب د ت دا سۆز قىلىپ، لاگېرلارغا تەكشۈرگۈچى ئەمەلدار ئەۋەتىشىنى تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-09-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر تورىنىڭ قۇرغۇچىسى قۇززات ئالتاي 18‏-سېنتەبىر كۈنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە سۆز قىلىپ، ب د ت نى ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلارنى تەكشۈرگۈچى مەخسۇس ئەمەلدار تەيىنلەشكە چاقىرغان.

ئۇ بۇ يىغىندا خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلىۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ ئۆتكەن يىلى 67 ياشلىق تىجارەتچى دادىسىنى تۇتقۇن قىلغانلىقى، ئۇنىڭ ھازىرغىچە ئىز-دېرىكىنىڭ يوقلۇقى، خىتاينىڭ دادىسىدەك «كەسپىي تەربىيەلەشكە ئېھتىياجى بولمىغان» مىڭلىغان ئىگىلىك تىكلىگۈچى، ۋە تىجارەتچىلەرنى، دوكتور تاشپولات تېيىپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالىم ۋە تەتقىقاتچىلارنى تۇتقۇن قىلغانلىقى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئۆلۈم جازالىرىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قانۇنىي رەسمىيەتسىز تۇتقۇن قىلىپ، ئاتالمىش «قايتا تەربىيە لاگېرلىرى» غا يوللىغانلىقى، ئىشەنچلىك دوكلاتلارغا ئاساسلانغاندا 2 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ بۇ غەيرى-رەسمىي جازا لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ «بىز ھازىر خىتاينىڭ ئىچكى سىياسىتىنىڭ يەر شارى مىقياسىدا كىشىلىك ھوقۇق ۋە تىنچلىققا دەخلى يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. نۆۋەتتە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئائىلىلىرى بىلەن ئالاقە قىلالمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئائىلىسى بىلەن بولغان ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلدى ياكى خىتاينىڭ زوراۋانلىقىدىن قورقۇپ ئۇلارغا تېلېفون قىلالمايدۇ،» دېگەن. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە ئۇيغۇر رايونىنىڭ يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلانغانلىقى، ب د ت نىڭ بۇ لاگېرلارنى تەكشۈرگۈچى ئالاھىدە ئەمەلدار تەيىنلىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ب د ت غا دەيدىغىنىم، خىتايدىكى بۇ جازا لاگېرلىرىنى قانداق قىلىدۇ؟ خىتاي ھۆكۈمىتىگە دەيدىغىنىم، مېنىڭ دادام قەيەردە؟» دەپ سوئال قويغان.

لېكىن مەزكۇر يىغىندا «خىتاي خەلقئارا چۈشىنىشنى ئالغا سۈرۈش جەمئىيىتى» ناملىق خىتاي ھۆكۈمەت ئاممىۋى تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى رەت قىلغان. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇنىڭ نۇرغۇن ئۇيغۇر دوستلىرى بار ئىكەن ۋە ئۇيغۇرچىنى سۆزلىيەلەيدىكەن. قۇززات ئالتاي ئەسلى17‏-سېنتەبىر كۈنى سۆز قىلماقچى بولغان، ئەمما ئۇ شۇ كۈنى يىغىن زالىغا كىرگۈزۈلمىگەن ئىدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ب د ت دىكى خادىملار ئۇنىڭ 17‏-سېنتەبىر يىغىن زالىغا كىرەلمەسلىكىگە «تېخنىكىلىق كاشىلا سەۋەب بولغان» دەپ چۈشەندۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت