بېيجىڭغا ماڭغان ئەرزدار ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2015-05-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


خىتاي ساقچىلىرى بېيجىڭغا ئەرزگە ماڭغان بىر ئەرزدارنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن. ئۇنىڭ 4 يىل ئەرز قىلىپ ئاقتۇرالمىغان داۋاسى ئۆلۈمىدىن ئۈچ كېيىن ھەل بولغان. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەرزدار شۈ چېنخى ئانىسى ۋە ئۈچ بالىسىنى ئېلىپ بېيجىڭغا ئەرز قىلغىلى ماڭغاندا خاربىن پويىز ئىستانسىسىدىكى ساقچىلار ئۇنىڭ ئەرزدارلىقىنى بىلىپ، ئۇنى توسۇشقا ئۇرۇنغان. بۇنىڭ بىلەن تالاش - تارتىش كېلىپ چىقىپ، ساقچىلار ئۇنى ئېتىۋەتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ تۆت يىلدىن بۇيان دۆلەتتىن ئائىلىسىگە ياردەم پۇلى بېرىشنى، ياشانغان ئانىسىنى ساناتورىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ داۋاسى يەرلىك تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىمۇ خەۋەر قىلىنغان ئىكەن. ئۇ شەنبە كۈنى ھاياتىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن دائىرىلەر ئۇ تەلەپ قىلغان ياردەمنىڭ قوبۇل بولغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. مەلۇم بولۇشىچە ئۇنىڭ بالىلىرى يېتىم بالىلارنى يىغىۋېلىش ئورنىغا ئاپىرىپ بېرىلىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى يەرلىك دائىرىلەردىن ئەرزدارلارنىڭ بېيجىڭغا كېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى تەلەپ قىلسىمۇ، ئەرزدارلار يەرلىك ئورۇنلاردا ئادالەت تاپالمىغانلىقى ئۈچۈن كۆپىنچە ھاللاردا بېيجىڭغا ئەرز قىلىپ بېرىشقا مەجبۇر بولىدىكەن. ئۇيغۇر ئەرزدارلار بولۇپمۇ 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدە غايىپ بولغان بالىلىرىنىڭ، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ ئىز - دېرىكىنى قىلماقچى بولغان ئۇيغۇر ئەرزدارلارمۇ قاتتىق بېسىمغا ئۇچرىغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت