بېيجىڭ شەھىرىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىگە ئائىت ئۇچۇرلار قامال قىلىنغان

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017-11-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

18-نويابىر كۈنى كېچىدە خىتاي پايتەختى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى داشىن رايونىنىڭ خوڭمېن بازىرىغا تەۋە شىنجيەن يېزىسىدىكى بىر بىناغا جايلاشقان كىيىم-كېچەك زاۋۇتىدا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 19 ئادەم ئۆلۈپ، 8 ئادەم يارىلانغان.

بۇ خەۋەر خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن تارقىتىلغان بولۇپ، خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر ئوت كەتكەن بىنادىكىلەرنىڭ كۆپىنچىسى سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەر ئىكەن. مەزكۇر ئوت ئاپىتىدىن كېيىن بېيجىڭ شەھىرى پارتكوم سېكرېتارى ۋە شەھەرنىڭ مۇۋەققەت باشلىقى قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرى شەخسلەر نەق مەيدانغا بېرىپ، قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغا قوماندانلىق قىلغان ھەمدە خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىمۇ مەخسۇس ئادەم ئەۋەتىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. 

ئامېرىكا ئاۋازى ۋە باشقا ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، خىتايدىكى تور بەتلەردە مەزكۇر ئوت ئاپىتىگە ئائىت مۇنازىرىلەر، باھالار ۋە ئۇچۇرلار قامال قىلىنغان ھەم تورلاردىن ئېلىۋېتىلگەن. 

ئەمما، خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتى بولغان شىنخۇانىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىلا ئاساس قىلىنغان بولۇپ، خەۋەردە بۇ قېتىمقى ئوت ئاپىتىگە چېتىشلىق گۇماندار تۇتۇلغانلىقى ئېيتىلغان بولسىمۇ، بىراق ئوت ئاپىتىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ھېچنېمە دېيىلمىگەن. خىتاي پايتەختىدە يۈز بەرگەن كۆپ ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان مەزكۇر ئوت ئاپىتى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 19-قۇرۇلتىيى ئېچىلىپ، شى جىنپىڭ ئىدىيىسى مەملىكەت خاراكتېرلىك تەشۋىق قىلىنىۋاتقان پەيتكە توغرا كەلگەنلىكى ئۈچۈن جەمئىيەت خاراكتېرلىك دىققەت قوزغىغان. بېيجىڭ شەھىرى دائىرىلىرى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن پۈتۈن بېيجىڭ شەھىرى بويىچە چوڭ كۆلەمدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، يېزا بازار سانائەت كارخانىلىرىنى تاقاش، قانۇنسىز سودا قىلىشنى تازىلاشنى تەلەپ قىلغان.

تولۇق بەت