بېيجىڭدىن كەلگەن 30 مىڭ تېلېۋىزور دىققەت قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-01-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

پۈتۈن خىتاي بويىچە چاغاننى تەبرىكلەشنىڭ تەييارلىقى ئەۋج ئېلىۋاتقاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەركىزىي تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزى مەدەنىيەت ئىشخانىسى قاتارلىق ئورۇنلار گۇما ناھىيەسىنىڭ نامرات يېزىلىرىغا «خەلق قەلبىنى ئىللىتىش» ئۈچۈن 30 مىڭ تېلېۋىزور تەقدىم قىلغان. ئەمما ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە بۇ قېتىمقى تېلېۋىزور تەقدىم قىلىشنىڭ «دېھقانلارنىڭ تېلېۋىزور كۆرەلمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن» ئەمەس، بەلكى قويۇق سىياسىي مۇددىئانى كۆزلىگەنلىكى ئاشكارا تىلغا ئېلىنغان.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 28-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىم تېلېۋىزور تەقسىملەنگەن دېھقان ئائىلىلىرى «كومپارتىيەگە، باش سېكرېتار شى جىنپىڭغا ئۆزلىرىنى ئۇنتۇپ قالمىغانلىقى ئۈچۈن ئالاھىدە تەشەككۈر ئېيتقان.» شۇنىڭدەك بۇ تېلېۋىزورلار ئارقىلىق «پارتىيەنىڭ ئاۋازىنى بىۋاسىتە ئاڭلاش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكەن.»

بۇ قېتىمقى تېلېۋىزور تەقسىملەش پائالىيىتىگە قاتناشقان كادىرلاردىن گۇما ناھىيەسىگە ئەۋەتىلگەن ئاساسىي قاتلام سېكرېتارى گو شاۋۋېن نۆۋەتتە 32 ناھىيەگە تېلېۋىزور تەقسىملەشنىڭ تاماملانغانلىقىنى، بۇ تېلېۋىزورلارنىڭ چاغاندىن بۇرۇن دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ تېلېۋىزورلار ئارقىلىق ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمىنلىكنى ئالغا سۈرۈشكە بولىدىغانلىقىنى، تېلېۋىزور تەقدىم قىلىشنىڭ دېھقانلارغا تېلېۋىزوردىن باشقا «پارتىيەنىڭ سىياسىتى، دۆلەت تىلىنىڭ ئومۇملىشىشى» نى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ «ئەمدى پارتىيەمىزنىڭ سىياسىتى بىۋاسىتە ھالدا ھەر بىر دېھقان ئائىلىسىگە بىۋاسىتە يېتىپ بارىدۇ» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بىر قىسىم جايلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تېلېۋىزور ۋە رادىيودىن نېرى تۇرۇشى «ئەسەبىيلىك» نىڭ ئىپادىسى دەپ قارىلىپ كەلگەن ئىكەن. ئەمدىلىكتە ھەر بىر دېھقان ئائىلىسىگە بىردىن تېلېۋىزورنىڭ سەپلەپ بېرىلىشى ھەققىدە پىكىر قىلغان ئانالىزچىلار: «بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دېھقانلارنى خىتايچە قانالغا تەڭشەلگەن تېلېۋىزورلار ئارقىلىق سىياسىي جەھەتتە تەشۋىقات قىلىش ۋە تىل جەھەتتە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشتەك نىيىتىنى ئاشكارا قىلدى» دېدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت