بېلارۇسىيە پرېزىدېنتى تۈرك ۋە رۇس رەھبەرلىرىنى بىر بىرىگە يول قويۇشقا چاقىرىدى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2015-12-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


12 - دېكابىر، تۈركمەنىستاندا يىغىنغا قاتناشقان بېلارۇسىيە پرېزىدېنتى تۈرك ۋە رۇس رەھبەرلىرىنى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىدىكى كرىزىسلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بىر بىرىگە يول قويۇشقا چاقىرىدى.

24 - نويابىر تۈركىيە دائىرىلىرى رۇسىيەنىڭ بىر بومباردىمانچى ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتكەن ۋە مەزكۇر رۇس ئايروپىلانىنىڭ «تۈركىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا داخىلى تەرز قىلغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن.

رۇسىيە تەرەپ ئايروپىلانىنىڭ بومبىلاش ۋەزىپىسى ئۆتەۋاتقاندا تۈرك ھاۋا بوشلۇقىغا كىرمىگەنلىكى، ئايروپىلاننىڭ سۈرىيە ھاۋا بوشلۇقىدا ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ تۈركىيەدىن ئەپۇ سوراشنى تەلەپ قىلغان.

تۈركىيە ئۆزىنىڭ خاتا قىلمىغانلىقىدا چىڭ تۇرۇپ، رۇسىيەدىن ئەپۇ سوراشنى رەت قىلغان. شۇندىن كېيىن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى جىددىي سوغۇقلاشقان. رۇسىيە ئۆتكەن ھەپتە تۈركىيەگە بىر قاتار ئىقتىسادىي ئېمبارگو ئېلان قىلغان.

شەنبە كۈنى ئاشخابادتا ئېچىلغان تۈركمەنىستاننىڭ بىتەرەپ دۆلەتلىك سالاھىيىتىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنغا تۈرك پرېزىدېنت رەجەپ تاييپ ئەردۇغانمۇ قاتناشقان.

تۈرك - رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنى تىلغا ئالغان بېلارۇسىيە پرېزىدېنتى ئالېكزاندېر لۇكاشېنكو مۇنداق دېگەن: «ئەگەر خاتالىق سادىر قىلساڭلار، خاتالىقىڭلارنى تونۇشۇڭلار ۋە ۋەزىيەتنى يۇمشىتىش ئۈچۈن يول قويۇش ۋە مۇرەسسە قىلىشقا جۈرئەت قىلىشىڭلار كېرەك.»

ھالبۇكى، يىغىندا سۆز قىلغان ئەردۇغان رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە توختالمىغان.

تۈركىيەدىن چىقىدىغان «جىھان» گېزىتىنىڭ شەنبە كۈندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاشخابادتىكى يىغىنغا ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، گىرۇزىيە، مولدوۋا ۋە ئافغانىستان رەھبەرلىرىمۇ قاتناشقا.

يىغىنغا رۇسىيە تەرەپتىن رۇسىيە فېدېراتسىيەسى پارلامېنتى يۇقىرى پالاتا رەئىسى ۋالېنتىنا ماتۋىيەنكو قاتناشقان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت