خىتاي بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2015-03-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي جۈمە كۈنى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ تەكشۈرگۈچىلىرىگە ۋەدە بېرىپ، قىشلىق ئولىمپىك بېيجىڭغا بېرىلسە، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاينىڭ قىشلىق ئولىمپىكنى تالىشىشقا مەسئۇل ئەمەلدارى جاڭ جيېدوڭ «جۇڭگو ھۆكۈمىتى تېررورلۇققا قارشى كۈرەشكە ھەر ۋاقىت ئەھمىيەت بېرىدۇ. بىز تەجرىبىمىزنى 2008‏-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىن بۇيان ئىزچىل بېيىتىپ كەلدۇق» دېگەن.

بىراق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى 2022‏-يىللىق قىشلىق ئولىمپىكنىڭ بېيجىڭغا بېرىلىشىگە قارشى چىقتى. ئۇلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، قىشلىق ئولىمپىك بېيجىڭغا بېرىلسە، ئۇ 2008‏-بېيجىڭ يازلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە قىلغاندەك بىخەتەرلىكنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇر، تىبەت ۋە باشقا ئۆكتىچى گۇرۇھلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا داۋاملىق بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2008‏-بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلارنى قوغلىغان. بېيجىڭ ۋە باشقا چوڭ شەھەرلەردىكى يەرلىك خىتاي ئاھالىسىنى ئۇيغۇرلاردىن ھوشيار بولۇشقا چاقىرىپ، مېھمانخانا ۋە ئۆتەڭلەرگە ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلماسلىقنى بۇيرۇغان ئىدى.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئولىمپىك روھىيغا خىلاپ بۇ خىل كەمسىتىش خاراكتېرلىك تەدبىر ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي نىشانلىرىغا ئاپتوموبىللىق، پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

جاڭ جيېدوڭ ئولىمپىك تەكشۈرگۈچىلىرىگە يەنە، ئەگەر قىشلىق ئولىمپىك بېيجىڭغا بېرىلسە، بېيجىڭ ساقچىسى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ باشقا دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى بىلەن زىچ ھەمكارلىق ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت