«بىڭتۇەن» نى جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدا كېڭەيتىشنىڭ «مۇقىملىق» ئېھتىياجى ئۈچۈن ئىكەنلىكى تەكىتلەندى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2017-04-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى، يەنى «بىڭتۇەن» نى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدا يەنە كېڭەيتىپ قۇرۇش پىلانى ۋە بۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا «مۇقىملىقنى ساقلاش ئېھتىياجىدىن تۇغۇلغان» لىقىنى تەكىتلىشى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى.

يېقىندىن بۇيان دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىڭتۇەن ئىسلاھاتىنى تېزلىتىش، چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ئۇنى جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدا داۋاملىق كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۈچەيتىشنى تەكىتلىشىگە ئەگىشىپ، 18-ئاپرېل كۈنى «بىڭتۇەن گېزىتى» باش ماقالە ئېلان قىلىپ، بىڭتۇەننى جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدا كېڭەيتىپ قۇرۇش پىلانى «ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇقىملىق ۋەزىيىتىنى قوغداش ئېھتىياجىدىن بولدى» دەپ تەرىپلىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بىڭتۇەننىڭ دېۋىزىيە ۋە پولكلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ شىمالىغا ئورۇنلاشقان بولۇپ، جەنۇبتىكى ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق ۋىلايەتلەرگىمۇ بىردىن دېۋىزىيە جايلاشقان ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى 1949-يىلى ئۇيغۇر دىيارىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، «بوز يەر ئېچىش» نامى ئاستىدا ئۆز قوشۇنلىرىنىڭ زور بىر قىسمىنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇنبەت زېمىنلارغا ۋە دەريا ۋادىلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېرىم ھەربىي ھالدىكى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى، يەنى بىڭتۇەننى قۇرغان ئىدى. ھازىر نوپۇسى ئىككى يېرىم مىليون دەپ قارىلىۋاتقان «بىڭتۇەن» ئىزچىل تۈردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇشتىكى قوراللىق كۈچىگە ئايلانغان. نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىڭتۇەننى جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىغا يەنىمۇ كېڭەيتىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى جايلاشقان بۇ رايونلارغا بولغان كونتروللۇقنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇش ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت