خىتاي ھۆكۈمىتى «بىڭتۇەن» گە مەبلەغ سېلىشنى كۈچەيتىپ، ئۇنىڭ تەسىرىنى داۋاملىق كېڭەيتمەكتە

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-06-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى يېرىم ئىشلەپچىقىرىش، يېرىم قوراللىق تەشكىلاتى ‏- «بىڭتۇەن» گە مەبلەغ سېلىشنى كۈچەيتىپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋە بىخەتەرلىك ھاياتىدىكى رولىنى داۋاملىق كۈچەيمەكتە. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل بىڭتۇەننىڭ مائارىپ، سەھىيە، ئىشقا ئورۇنلىشىش، مائاش ئۆستۈرۈش قاتارلىق 88 خىل قۇرۇلۇش تۈرىگە 36 مىليارد 717 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى قارار قىلغان. بۇ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرغا قەدەر بىڭتۇەننىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا سالغان ئەڭ زور مالىيە سېلىنمىلىرىنىڭ بىرىدۇر. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زور مىقداردا مەبلەغ ئاجرىتىشى ئۇنىڭ جەنۇبتىكى بىر ئوبلاست، 3 ۋىلايەتكە قاراپ كېڭىيىش پىلانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر، دائىرىلەرنىڭ بىڭتۇەن ئەزالىرىنى ئۇيغۇرلار كۆپ سانلىقتىكى بۇ رايونلارغا تېخىمۇ كۆپ جەلپ قىلىش ئۈچۈن بىڭتۇەننىڭ بۇ رايونلاردىكى ئىجتىمائىي ئۇل ئەسلىھەلىرىگە كۆپلەپ مەبلەغ سالماقتىكەن.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 24‏-ئىيۇن بەرگەن خەۋىرىدە، بۇ يىل بىڭتۇەننىڭ خەلق تۇرمۇشىغا ئاجرىتىلغان مەبلەغ 4.7 پىرسەنت ئاشقانلىقى، بۇ باسقۇچلۇق مالىيە جۇغلانمىسىنىڭ 4 ھەسسە كۆپىيىپ، ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك قەرزنىڭ خەۋپى ئازايتىلغانلىقى ياكى ئالدى ئېلىنغانلىقى تەكىتلىگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى 2017‏-يىلى 2‏-ئايدىن باشلاپ 2 مىليوندەك ئۇيغۇر، قازاق ۋە رايوندىكى باشقا مۇسۇلمان مىللەتلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ، لاگېرلارغا قاماش بىلەن بىر ۋاقىتتا «ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلئۇش بىڭتۇەنى» نى جەنۇبقا قاراپ كېڭەيتىشنى تېزلەتكەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ دوكلاتىدا قەيت قىلىنىشىچە، 2017-2018-يىلى بىڭتۇەننىڭ جەنۇبتىكى دېۋىزىيە ۋە شەھەرلىرىنىڭ نوپۇسىغا ئاز كەم 100 مىڭ ئادەم قوشۇلغان. شۇنىڭدەك يەنە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت 2018‏-يىلى ھۆججەت چۈشۈرۈپ، بىڭتۇەنگە 2190 خىل مەمۇرىي فۇنكسىيە ۋە مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ھوقۇقى بەرگەن. دائىرىلەر يەنە ئاپتونوم رايون بىلەن بىڭتۇەننىڭ مالىيە باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئايرىپ، بىڭتۇەننىڭ باج ئىشلىرىنى تەۋەلىكىدىكى رايونلاردا ئۆز ئالدىغا بىر تەرەپ قىلىشنى يولغا قويغانىدى. بۇ ھادىسە، نۇرغۇن ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەردە ئەندىشە پەيدا قىلغان. ئۇلار بۇ ئەھۋال بىڭتۇەننىڭ تەدرىجىي ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى كونترول قىلىۋېلىشىغا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت