خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىڭتۇەن رايونلىرىغا تېخنىكىلىق ياردەم بېرىشى گۇمان قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-08-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ 8-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى يېقىندا 11 مىليون سوم مەبلەغ ئاجرىتىپ بىڭتۇەندىكى «ئۈچ رايون» غا پەن-تېخنىكا خادىملىرىنى سەپلەپ بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ مەبلەغ ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتى 512 نەپەر پەن-تېخنىكا خادىمىنى شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى، تارىم ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق جايلاردىن تاللاپ، بىڭتۇەنلەرگە تېخنىكىلىق ياردەم بېرىشكە ئەۋەتىدىكەن. شۇنداقلا بۇ ئۇنىۋېرسىتېتلاردا بىڭتۇەندىن كەلگەن 60 خىتاينى تەربىيەلەيدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنى يۇقىرى مائاش بىلەن ئۇيغۇرلار ئاھالىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى تەشكىللەيدىغان جايغا «تېخنىكىلىق ياردەم» گە ئەۋەتىشنى ئىزچىل ھالدا «ئۇيغۇرلارغا ياردەم» دېگەن شەكىلدە تەشۋىق قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. مۇشۇ شەكىلدە خىتاي ھۆكۈمىتى بىڭتۇەنلەرنىڭ پەن-تېخنىكا تۈرى ئۈچۈن 2018-يىلىنىڭ ئۆزىدىلا 300 مىليون سومدىن ئارتۇق خىراجەت ئاجراتقان.

ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىش نامىدا ئۆزىنىڭ خىتاي خىزمەتچىلىرىنى ئاساسىي قاتلاملاردا يېتەكچى ئورۇندا تۇرغۇزۇپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۇلارنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى،» دەپ كۆرسەتتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت