«بىڭتۇەن» نىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىدا شىددەتلىك كېڭىيىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-08-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017‏-يىلى ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، لاگېرلارغا قاماش بىلەن بىر ۋاقىتتا بىڭتۇەننى ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىدا تېخىمۇ كېڭەيتىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئىلگىرى ئاشكارىلىشىچە، ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيەسى، يەنى «بىڭتۇەن» نىڭ جەنۇبقا كېڭىيىشى كۈچەيتىلگەندىن بۇيان ئۇنىڭ خوتەن، قەشقەر، قىزىل سۇ ۋە ئاقسۇ قاتارلىق 3 ۋىلايەت بىر ئوبلاستتىكى دېۋىزىيە ۋە شەھەرلىرىنىڭ ئىقتىسادى كۆلىمى تېز ئاشقان. نۆۋەتتە «بىڭتۇەن» نىڭ بۇ رايونلاردىكى سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ تېز سۈرئەت بىلەن ئېشىپ بېرىشى دىققەت قوزغىماقتا.

يېقىندا ئامېرىكادىكى «خىتاي پۇقرالار كۈچى» ناملىق خىتاي تەشكىلاتى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا پاختا توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىنى كەڭ كۆلەملىك يۆتكەپ چىقىپ، لاگېردىكى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. «بىڭتۇەن گېزىتى» نىڭ 26‏-ئاۋغۇست بەرگەن خەۋىرىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 6 ئېيىدا «بىڭتۇەن» نىڭ جەنۇبتىكى شەھەر‏-دېۋىزىيەلىرىنىڭ ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىشى 9.7 پىرسەنت، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى 16.34 پىرسەنت، مەبلىغى 93.38 پىرسەنت ئارتقان. خەۋەردە يەنە ئارالدىكى ئىقتىسادى تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنىڭ ئۆزىدىلا كارخانىلارنىڭ كۆلىمىنىڭ 44 پىرسەنت ئارتقانلىقى، بۇنىڭ توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىنى ئاساس قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

خەۋەردە يەنە، بۇ خىل ئارتىشنىڭ بىڭتۇەننىڭ كونتروللۇقىدا قۇرۇلغان خوتەندىكى «قۇرۇمقاش» شەھىرى، قەشقەردىكى تۇمشۇق شەھىرى، بايىنغولىندىكى باشئەگىم شەھەرلىرىدىمۇ بارلىققا كەلگەنلىكى تەكىتلەنگەن. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بىڭتۇەننى جەنۇبقا كېڭەيتىپلا قالماي، ئۇ يەنە بۇ رايونلاردىكى ئۇيغۇرلارنى كۆچۈرۈشنى تېزلەتمەكتىكەن. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 26‏-ئاۋغۇست كۈنىدىكى خەۋىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىل «يېزا كەنتلەرنىڭ ئەمىنلىك قۇرۇلۇشى» نامىدا 200 مىڭ يەرلىك نوپۇسنى يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 7 ئېيىدا 146 مىڭ نوپۇس يۆتكىلىپ، «ئەمىن ئۆيلەر» گە ئورۇنلاشقان. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل 5-6-ئايلاردا تاشقورغان، ئاقتۇ، قاغىلىق قاتارلىق ناھىيەلەرنىڭ تاغلىق يېزا-كەنتلىرىدىكى نۇرغۇن يەرلىك ئاھالىلەرنى مەجبۇرى تۈزلەڭ رايونلارغا يۆتكىگەنىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت