خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى بىڭتۇەنگە قاراشلىق 3 شەھىرى خىتايدىكى «ئەڭ كۈچلۈك شەھەر» بولۇپ باھالانغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-10-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى يېرىم ئىشلەپچىقىرىش قوراللىق ئورگىنى بولغان «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» گە قاراشلىق 3 شەھەر خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى 100 كۈچلۈك شەھەر بولۇپ باھالانغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2009‏-يىلدىن كېيىن بىڭتۇەننى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۇنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىچىدىكى ئۇنىڭغا رىقابەتچى كۈچلۈك گەۋدىگە ئايلاندۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.

خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى 2012‏-يىلى قانۇن ماقۇللاپ، بىڭتۇەنگە ئاپتونوم رايون بىلەن تەڭ دەرىجىلىك مەمۇرىي شتات بەرگەن. بۇ، ئۇيغۇرلار ئىزچىل ئۆزلىرىگە تەھدىت ھېس قىلىپ كېلىۋاتقان بۇ ئورگاننىڭ كۈچىنىڭ تېخىمۇ زورىيىشىغا يول ئاچقانىدى. «بىڭتۇەن گېزىتى» نىڭ 29‏-ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، «خىتاي ئۇچۇر جەمئىيىتى» بىلەن «خىتاي رىقابەت كۈچى ئەقىل ئامبىرى» يېقىندا «2019‏-يىللىق خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى ناھىيە-شەھەرلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئۆلچەش دوكلاتى» ئېلان قىلىپ، بىڭتۇەنگە قاراشلىق شىخەنزە، ئارال ۋە ۋۇجياچۇ قاتارلىق 3 شەھەرنى خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئەڭ كۈچلۈك شەھەر، دەپ باھالىغان. ئۇنىڭدا، بۇ شەھەرلەرنىڭ ئىقتىسادى كۆلىمى، خەلق تۇرمۇشى، ئىقتىسادنىڭ ھاياتى كۈچى ۋە ئىقتىسادىي ساپاسى قاتارلىق 4 ئامىل، ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار 25 خىل كۆرسەتكۈچ ئاساس قىلىنغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017‏-يىلى 4‏-ئايدا باشلىغان تۇتقۇنىدا 2 مىليوندەك ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ لاگېرلارغا قامىلىپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قامال ئاستىغا ئېلىشى بىڭتۇەننىڭ كۈچىنىڭ تېخىمۇ زورىيىشىغا تۈرتكە بولماقتا ئىكەن. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، بۇ قېتىمقى باھالاشتا يەنە قەشقەر، ئاقسۇ، كورلا، فۇكاڭ، كۇچار، غۇلجا قاتارلىق يەرلىككە قاراشلىق شەھەر ‏-ناھىيەلەرنىڭمۇ غەربىي شىمالدىكى 100 كۈچلۈك شەھەر قاتارىغا كىرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت