خىتاي ھۆكۈمىتى «بىر بەلباغ، بىر يول» ئېھتىياجى ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە يېڭىدىن 38 تولۇق كۇرسنى كۆپەيتىدۇ

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2017-03-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا 2016-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرس كەسپلىرىنى ئەنگە ئالدۇرۇش ۋە تەكشۈرۈپ تەستىقلاش نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە يېڭىدىن 38 تولۇق كۇرس كەسپى كۆپەيتىلگەن بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى ئالىي مەكتەپكە يېڭىدىن «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تىلى قوشۇلغان بولۇپ، ئوردۇ تىلى كەسپى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا، پارس تىلى كەسپى شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوشۇلغان.

يۇقىرىقى ئىككى مەكتەپ بۇ ئىككى خىل تىل كەسپىگە بۇ يىلدىن باشلاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى مۆلچەرلىگەن. بۇنىڭدىن كېيىن ئوقۇغۇچىلار پارس تىلى قاتارلىقلارنى ئۆگەنمەكچى بولسا، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە بېرىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە ئوردۇ تىلى پاكىستاننىڭ دۆلەت تىلى، پارس تىلى ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى قەدىمىي تىل ۋە ئىراننىڭ ھۆكۈمەت تىلى بولۇپ، يېقىندىن بېرى، ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىغا، بولۇپمۇ جۇڭگو پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى تۈرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگونىڭ ئوردۇ تىلى ۋە پارس تىلى ئىختىساس ئىگىلىرىگە بولغان ئېھتىياجى تېز ئاشقان.

مائارىپ مىنىستىرلىقى 2015-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى (بىڭتۈەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) 7 ئالىي مەكتەپتە يېڭىدىن 18 تولۇق كۇرس كەسپى كۆپەيتىكەن ئىدى.

گەرچە دائىرىلەر مائارىپ مەبلىغىنى كۆپەيتكەن بولسىمۇ، بۇ مەبلەغ ئۇيغۇر ئېلىدا مىللىي مائارىپنى كۈچەيتىش، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئالىي بىلىم يۇرتلىرىنىڭ ئاكادېمىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىشنىڭ ئورنىغا، «بىر بەلباغ، بىر يول» غا ئوخشاش يېڭى سىياسەتلىرىنىڭ فونكىسىىيىسىگە ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرى ھەددىدىن ئارتۇق سىياسىي تەلەپلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلغاچقا، ئاكادېمىك تەربىيىلەشتىن يىراقلىشىپ، پەقەت كومپارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيىلەيدىغان تەمىنلەش زەنجىرىگە ئايلىنىپ قالماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت