بىرمادا خىتاي مەبلەغ سالغان مىس كاننى تاقاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2014-12-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


بىرمانىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ماندالاي شەھىرىدىكى 500 دىن ئارتۇق ئادەم شەنبە كۈنى شۇ يەردىكى خىتاي كونسۇلخانىسى يېنىغا توپلىنىپ، خىتاي بىلەن بىرما بىرلىشىپ ئاچقان مىس كانىنى تاقاشنى تەلەپ قىلغان. نامايىشچلار بۇ كاننىڭ مۇھىتنى بۇزغانلىقى ۋە كىشىلەرنىڭ يەرلىرىنى ئىگىلىۋالغانلىقىدىن شىكايەت قىلغان.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر نامايىشچىلار توپىغا 10 نەپەر بۇددا راھىپىمۇ قاتناشقان.

مەزكۇر نامايىش لېتپادائۇڭ مىس كانىغا قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ئىچىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ نامايىش بولۇپ، 22 - دېكابىر كۈنى مىس كاننىڭ ئەتراپتىكى يېزىغا بارغانچە كېڭىيىشى تۈپەيلىدىن دېھقانلار بىلەن كان دائىرىلىرى ئارىسىدا يەر تالىشىش توقۇنۇشى كېلىپ چىقىپ، دېھقانلار نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن. ئەمما، توقۇنۇش يۈز بېرىپ ساقچىلار بىر ئايالنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن ئىدى. بۇنىڭ بىلەن نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا قارشىلىشىش كۈچەيگەن،

بىرما ھۆكۈمىتى سەيشەنبە كۈنى ساقچىلارنىڭ نامايىشنى باستۇرۇش جەريانىنى ئېنىقلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ قېتىمقى توقۇنۇشتا بىر ئادەم ئۆلگەندىن باشقا 11 ساقچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 20 ئادەم يارىلانغان.

ب ب س نىڭ يېزىشىچە، لېتپادائۇڭ مىس كېنى خىتاينىڭ ۋەنباۋ شىركىتى تەرىپىدىن يۈرۈشتۈرىلۋاتقان بولۇپ، بۇ خىتاي بىلەن بىرما ھەربىي گۇرۇھى بىرلەشكەن شىركەتلەرنىڭ بىرى ئىكەن. بۇ رايوندىكى مىس كانى ئېچىش ئىشلىرىغا يەرلىك دېھقانلار ۋە بۇددا راھىپلىرى ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، 2013 - يىلى ئاڭساڭ سۇكى باش بولۇپ، مەزكۇر مىس كاننىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرگەن.

بىرىنچى قېتىم ئىككى يىل ئىلگىرى نارازىلىق نامايىش يۈز بېرىپ، ساقچىلار نامايىشنى تارتقاتقان بولسىمۇ، ئەمما كان ئىشى توختاپ قالغانىدى، خىتاينىڭ خەلق تورى 2013 - يىلى 1 - ئايدا بۇ يەردە نارازىلىق نامايىشى بولغانلىقى ئۈچۈن كاننىڭ ئىككى ئاي ئىش توختىتىشقا مەجبۇر بولغانلىقى، مەزكۇر كان ئۈچۈن بىر مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىنغانلىقى، ئىش توختاش نەتىجىسىدە ئىككى مىليون دوللار زىيان تارتىلغانلىقنى خەۋەر قىلغان ئىدى. 2013 - يىلى 10 - ئايدا بۇ كان قايتىدىن ئىش باشلىغان بولسىمۇ، ئەمما يېڭى نارازىلىقلار قايتىدىن كۈچىيىپ كەتكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت