خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بېرما ھەربىي دائىرىلىرىنى ئىنسانلىققا قارشى تۇرۇش جىنايىتى بىلەن سوتلاشنى تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-06-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى سەيشەنبە كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك بېرما ھەربىي ئەمەلدارلىرىنىڭ روھېڭگا مۇسۇلمانلىرىغا تۇتقان مۇئامىلىسى سەۋەبلىك ئىنسانلىققا قارشى تۇرۇش جىنايىتى بىلەن سوتلىنىشىنى تەلەپ قىلغان. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى ئۇلار ئېرىشكەن دەلىللەرنى خەلقئارا سوت مەھكىمىسىگە يوللاشقا، بېرما ۋە بېرما ھەربىي ئەمەلدارلىرىغا قورال-ياراق، مالىيە ئېمبارگوسى قويۇشقا چاقىرغان. بىرما ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ ئۆتكەن يىلى 8‏-ئايدىن باشلاپ ئېلىپ بارغان باستۇرۇشىدا 700 مىڭدىن ئارتۇق روھېڭگا مۇسۇلمانى يۇرت-ماكانلىرىنى تاشلاپ بېنگالغا قېچىپ ئۆتۈشكە مەجبۇر بولغان ئىدى.

ب د ت بىرما دائىرىلىرىنىڭ قىلمىشىنى «تىپىك ئېتنىك قىرغىنچىلىق» دەپ تەنقىد قىلغان. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۆتكەن يىلى 9‏-ئايدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا باشلاپ، سەيشەنبە كۈنى تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلغان. دوكلاتتا، «روھېڭگا مۇسۇلمانلىرىنى جازالاش، ئۇلارنى بىرمادىن قوغلاپ چىقىرىشنى مەقسەت قىلغان ھەربىي ھەرىكەتنىڭ ئۆلتۈرۈش، باسقۇنچىلىق قىلىش، تەن جازاسى بېرىش، ۋە ۋەيرانچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان پىلانلىق ھەرىكەت» ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. 

روھېڭگا مەسىلىسى ئىلگىرى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە كۆپ قېتىم مۇزاكىرىگە قويۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ئىزچىل خىتاينىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچراپ كەلگەن. خىتاي بېرمىنىڭ «بىخەتەرلىك ئەندىشىسى» گە سەل قارىماسلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارلىرىغا قارشى چىققان ئىدى. بەزى كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ روھېڭگا كرىزىسىدا خەلقئارا جامائەتنىڭ ئىنكاسىنى سىنىغانلىقى، ئارقىدىنلا ئۇيغۇر رايونىدا يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى قۇرۇپ، مۇسۇلمانلارنى كەڭ كۆلەملىك بۇ لاگېرلارغا سولىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

تولۇق بەت