بېرما ھەربىي ئايروپىلانلىرى خىتاي چېگراسى ئىچىدە بومباردىمان قىلغان

مۇخبىرىمىز جۈمە
2015-03-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


«ۋاشىنگتون ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېرما ھەربىي ئايروپىلانلىرى خىتاي چېگراسى ئىچىگە ئۇچۇپ كىرىپ، ھۆكۈمەتكە قارىشى قوراللىق كۈچلەر يوشۇرۇنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر ئۆينى بومباردىمان قىلغان.

مەزكۇر ئۆي يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ خىتاي - بېرما چېگراسىدىكى بىر يېزىسىغا جايلاشقان بولۇپ، لېكىن ھەر ئىككىلا تەرەپ بومباردىماندا ئۆلگۈچىلەرنىڭ سانىنى ئېلان قىلمىغان.

ۋەقە شاھىتلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، رۇسىيەدە ئىشلەنگەن MiG - 29 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلان پەس ئۇچۇپ يۈننەننىڭ مىڭدىڭ يېزىغا كىرگەن ۋە بومباردىمان قىلغان.

خىتاي تەرەپ باياناتچىسى خوڭكوڭ لېي بېرمىنىڭ مەزكۇر ھەرىكىتىگە ئېتىراز بىلدۈرگەن.

ئۆتكەن بىر ئايدىن بۇيان بېرمىنىڭ خىتاي چېگراسىغا جايلاشقان كوكاڭ رايونىدىكى قوزغىلاڭچىلار بېرما ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بىلەن تۇتۇشۇشىنى داۋام قىلىۋاتقان ئىدى. بۇ توقۇشتا نەچچە مىڭلىغان مۇساپىر خىتاي تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەن.

بېرما دائىرىلىرى ھۆكۈمەتكە قارىشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان قوزغىلاڭچىلارنى خىتاي تەرەپنىڭ يوشۇرۇن قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ مۇساپىر قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ خىتايغا ئۆتۈپ قوراللىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكەن ئىدى.

ھالبۇكى، خىتاي دائىرىلىرى بۇنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت