خىتاي ئارخېئولوگلىرى بورتالا تەۋەسىدىكى بىر قەدىمى شەھەردىن بىر قىسىم ئاسارە-ئەتىقىلەرنى تاپقان

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017-10-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ئارخېئولوگلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىدىكى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى تەۋەسىدىكى دالت دېگەن جايغا جايلاشقان بىر قەدىمى شەھەر خارابىسىنى قېزىش ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇنىڭدىن 300 دىن ئارتۇق تۆمۈر، ساپال، مىس پارچىلىرى ۋە باشقا ھەر خىل ئاسارە-ئەتىقىلەرنى تاپقان.

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتە تارقاتقان خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئارخېئولوگلار بۇ شەھەرنى دالت شەھىرى دەپ ئاتىغان ھەم ئۇنىڭ خىتاينىڭ سوڭ ۋە يۈەن سۇلالىلىرىغا تەۋە شەھەر ئىكەنلىكىنى ھۆكۈم قىلغان. ئەمما، ئارىلىقتا بۇ خەۋەر ئېلان قىلىنىپ ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كېيىنكى يەنە بىر خەۋىرىدە مەزكۇر شەھەر تەۋە بولغان دەۋر-سوڭ سۇلالىسى لياۋ سۇلالىسىگە ئۆزگەرتىلىپ، بۇ: ««لياۋ-يۈەن سۇلالىلىرى دەۋرلىرىگە تەۋە شەھەر» دەپ يېزىلغان.

مەزكۇر شەھەر خارابىسى ئەسلىدە 1985-يىلى بايقالغان بولۇپ، بۇ يىل 6-ئايدا ئارخېئولوگىيىلىك قېزىش ئىشلىرى باشلانغان. خىتاي خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى ھازىرغىچە بۇ شەھەردىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ فار-فۇر قاچا-قۇچىلىرى، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مېتال ۋە ئەينەك بۇيۇملىرى قاتارلىقلارنىڭ يېڭىدىن تېپىلغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە بۇ شەھەرنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى يىپەك يولىنىڭ شىمالى قىسمىدىكى سودا روناق تاپان شەھەر بولغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.

ھازىرغىچە خىتاي ئارخېئولوگلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىن قازغان قەدىمى شەھەرلەر خارابىلىرىدىن خىتاي ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتى ئىزلىرىنى تاپقانلىقىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق بۇ جايلارنىڭ قەدىمدىنلا خىتاي دۆلىتىنىڭ، يەنى ئاتالمىش «مەركىزى سۇلالىلەر» نىڭ باشقۇرۇشى ۋە خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرى ئاستىدا بولغانلىقىنى دەلىللەشكە تىرىشىپ كەلمەكتە شۇنىڭدەك يەنە شەھەرلەر مەۋجۇت بولغان دەۋرلەرنى خىتاي تارىخچىلىق نۇقتىئىنەزىرىدىن چىقىش قىلىپ، خىتاي ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك سۇلالىلىرىنىڭ دەۋر رامكىسىغا كىرگۈزۈپ كەلمەكتە.

بۇ خەۋەرنى كۆرگەن ئۇيغۇر تارىخچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلغاندەك سوڭ ۋە ياكى لياۋ سۇلالىسى دەۋرىدە، يەنى 10-12-ئەسىرلەردە سوڭ سۇلالىسى ھېچقاچان بۇ جايلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلالمىغان. بۇ جايلار ئەمەلىيەتتە قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ رايونلىرى بولغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت