12-نويابىردىكى «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنى» دە بوستون شەھەر مەركىزىدە بايراق چىقىرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدىكەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-11-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ھەر يىلى ئىپتىخارلىق ئىچىدە قۇتلايدىغان بايراملاردىن بولغان «جۇمھۇرىيەت كۈنى» نى، يەنى 1933-يىلى ۋە 1944-يىلى ئۇيغۇرلار ئىككى قېتىملىق مىللىي مۇستەقىللىق ئىنقىلابى جەريانىدا قۇرۇپ چىققان «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» دۇنياغا كەلگەن 12-نويابىر خاتىرە كۈنىنى ئوخشاش بولمىغان شەكىللەردە قۇتلاشقا ھازىرلانماقتا.

شۇلارنىڭ ئىچىدە ئالاھىدە دىققەت قوزغايدىغىنى شۇكى، ئامېرىكانىڭ تارىخىي شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان بوستون شەھەر مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى چىقىرىش پائالىيىتىدۇر. 

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشىغا قارىغاندا، مەزكۇر پائالىيەت بوستوندا تىنىمسىز پائالىيەت قىلىۋاتقان پەخىرلىك ئۇيغۇر ئالىمەسى، ماساچۇسسېتس تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى (MIT) غول ھۈجەيرە تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى مايسەم مۇتەللىپوۋا خانىم ۋە شۇنداقلا مۇنەۋۋەر ئابدۇللا قاتارلىق بوستوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن ۋۇجۇدقا چىقىرىلغان. 12-نويابىر كۈنى چۈش سائەت 12 دە ئۆتكۈزۈلىدىغان پائالىيەتتە شەھەر مەركىزى مەيدانىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق چىقىرىلغاندىن باشقا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي سەنئەت نومۇرلىرىمۇ ئورۇندىلىكەن. 

مايسەم خانىم پائالىيەت ھەققىدە فېيىسبۇكتا چىقارغان ئۇقتۇرۇشىدا زور سىموۋللۇق تۈسكە ئىگە بولغان مەزكۇر پائالىيەتنىڭ بوستون شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈشىنىڭ تارىخىي خاراكتېرلىق ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. 

بوستون ئامېرىكادىكى تارىخى شەھەرلەردىن بولۇپ، ئۇ ئامېرىكانىڭ مۇستەقىللىق ئىنقىلابىنىڭ باشلىنىش نوقتىسى شۇنداقلا مەدەنىيەت ۋە مائارىپ مەركىزى. نۇرغۇنلىغان خەلقئارالىق چوڭ ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ماكانى بولغان بوستون شەھىرى خەلقئارادىكى ئالىي مائارىپ مەركىزى، دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت