خىتاي بۇلتۇر 21-سېنتەبىر بۈگۈر ۋەقەسىدە ئۆلگەن ساقچىلارنىڭ كىملىكىنى ئاشكارىلىدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2015-03-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 2014-يىلى 21-سېنتەبىر بۈگۈر قانلىق ۋەقەسىدە ئۇيغۇر ھۇجۇمچىلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن جاڭ جەنلىڭ، ھۈسەنجان ئوسمان، مەخمۇت، ئىبراھىم، نۇرئەلى قاتارلىق ساقچىلىرىغا «ئىنقىلابىي قۇربان» دەپ نام بەرگەن. ئۇقتۇرۇشتا يەنە «ئىنقىلابىي قۇربان» دەپ ئەنگە ئېلىنغانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى، بالا ‏-چاقىلىرىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ئالاھىدە ياردەم ۋە پاراۋانلىقىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.

بۇلتۇر كورلىنىڭ بۈگۈر ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن «21-سېنتەبىر قانلىق ۋەقەسى» دە ئۇيغۇر پىدائىيلىرىنىڭ ھۇجۇمىدا ئۆلگەن ساقچىلارنىڭ كىملىكى ئىلگىرى رادىئومىز تەرىپىدىن ئېنىقلىنىپ بۇ ھەقتە خەۋەر بېرىلگەن. ئەمما خىتاي دائىرىلىرى ھازىرغىچە ۋەقەدە ئۆلگەن خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئىسمىنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلىمىغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ھەر قېتىم يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە، ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھۇجۇملىرىنىڭ سەۋەبى، تەپسىلاتلىرى ۋە ۋەقەدە ئۆلگۈچىلەرنىڭ كىملىكىنى يوشۇرۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن كۆپىنچە ۋەقەلەر مانا مۇشۇ خىل «ئىنقىلابىي قۇربانلارغا تەزىيە» نامىدىكى ئۇقتۇرۇش، ھۆججەت ۋە تەزىيە يىغىنلىرىدا ئاشكارىلانماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت