ئۆزبېكىستان چېگرا ساقچىلىرى قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق پائالىيەتچى يېۋگىنى بۇنىننى تاشكەنت ئايرودرومىدا توسۇۋالغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-11-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۆزبېكىستان دائىلىرى ئۆتكەن ھەپتە قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق رۇسىيەلىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى يېۋگىنى بۇنىننى تاشكەنت ئايرودرومىدا توسۇۋېلىپ، ئۇنىڭ ئۆزبېكىستانغا كىرىشىگە يول قويمىغان.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېۋگىنى بونىن ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئالمۇتادىن ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ، تاشكەنت ئايرودرومىغا قونغاندا ئۆزبېكىستان چېگرا دائىرىلىرى تەرىپىدىن توسۇپ قېلىنغان. ئۇيغۇرلارغا گېن بونىن دېگەن ئىسىم بىلەن تونۇلغان يېۋگىنى بونىن «شاھىت بىز‏» ناملىق تور بېكىتى قۇرۇپ، خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمانلار تۇتقۇنلار توغرىسىدا ئۇچۇر توپلاۋاتقان ۋە بۇنى دۇنياغا ئېلان قىلىپ، خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كېلىۋاتقان ئاكتىپ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىرىدۇر. 

ئۇنىڭ ب ب س غا بىلدۈرۈشىچە، ئۆزبېكىستان چېگرا دائىرىلىرى گېنى بۇنىنغا ئۇنىڭ چېگرادىن چىقىرىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدە بىر پارچە قەغەزنى تۇتقۇزۇپ، ئالمۇتاغا قايتۇرۇۋەتكەن. لېكىن قەغەزدە ئۇنىڭ نىمە ئۈچۈن چېگرادىن چىقىرىۋېتىلگەنلىكىگە ھېچقانداق چۈشەنچە بېرىلمىگەن. ئۇ بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىغان بولسىمۇ، لېكىن دائىرىلەر بۇنىڭ سەۋەبىنى ئۆزبېكىستان تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىغا تېلېفون قىلىپ شۇلاردىن سوراشنى بۇيرۇغان.

گېنى بۇنىننىڭ 8‏-نويابىر كۈنى فېيسبۇكتا ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ 8‏-نويابىر كۈنى ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا تېلېفون قىلىپ، بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارمۇ بۇنىڭغا جاۋاب بەرمىگەن. ئۆزبېكىستان تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خادىمى بۇنىڭ سەۋەبىنى ئۆزبېكىستان ئىچكىي ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن سوراشنى، بۇ ئىشنىڭ تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن ئالاقىسى يوقلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قەيت قىلىشىچە، گېنى بۇنىننىڭ ئۆزبېكىستانغا كىرگۈزۈلمەسلىكى ئۇنىڭ لاگېردىكى ئۇيغۇر ۋە قازاق تۇتقۇنلار ھەققىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئۆزبېكىستان خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى باستۇرۇش سىياسىتىنى ئىزچىل قوللاپ كەلگەن دۆلەتلەرنىڭ بىرى. ئۇ يېقىندا شىمالىي كورېيە، ۋېنېزۇئېلا، سۈرىيە، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە خەت يېزىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سىياسىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

تولۇق بەت