دائىرىلەر ئۇيغۇر يېزا-كەنتلىرىدە خىتايلارنىڭ چاغانلىق بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى تەشكىللىمەكتىكەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017-01-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


خىتاينىڭ چاغان بايرىمى يېتىپ كېلىشى بىلەن دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسىي جايلىرىدىكى ئۇيغۇر يېزا-كەنتلىرىدە چاغاننى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى تەشكىللىمەكتىكەن.

«شىنجاڭ گېزىتى»، «تەڭرىتاغ تورى»، «خەلق تورى» قاتارلىق خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ، قىزىلسۇ، تۇرپان، قۇمۇل ۋە ئىلى قاتارلىق ۋىلايەت-ئوبلاستلارنىڭ ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان يېزا-بازارلىرىدا چاغان بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرۇلغان.

ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر پائالىيەتتە يەرلىك ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنى چاغانغا ئاتاپ سەنئەت نومۇرلىرى تەييارلاشقا، ئاتالمىش «مىللەتلەر ئىتتىپاقى» تېمىسىدىكى ئېتوت ۋە كۈلدۈرگىلەرنى ئورۇنلاشقا، خىتاي كومپارتىيەسىگە مەدھىيە ئوقۇشقا تەشكىللىمەكتىكەن.

بولۇپمۇ چاغان ھارپىسىدا خىتايلار بىلەن «قوشماق تۇغقان» بولۇشقان ئۇيغۇر كادىرلىرى ھەم ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ خىتايلارنىڭ ئۆيىگە ساڭزا ۋە پىشۇرۇقلارنى تەييارلاپ يوقلاپ بارغانلىقى ھەققىدىكى تەشۋىقات كۆرۈنۈشلىرى تاراتقۇلاردىن كەڭ كۆلەمدە ئورۇن ئالماقتىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىدىن رادىيومىزغا كېلىۋاتقان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، چېن چۋەنگونىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا تەشەببۇس قىلىۋاتقان ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان» سىياسىتى ئاساسىي قاتلامدا بىر سىياسىي ئالۋاڭ قاتارىدا يۈرگۈزۈلمەكتىكەن. بولۇپمۇ «قوشماق تۇغقان» بولۇشقان ئۇيغۇر ۋە خىتاي ئائىلىلىرىنىڭ يىلدا بىرقانچە قېتىم ئۆز-ئارا يوقلىشىپ ئاتالمىش «تۇغقانچىلىق» نىڭ شەرتىنى ئادا قىلىشى تەلەپ قىلىنماقتىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر، چېن چۋەنگونىڭ تىبەتتە مەغلۇب بولغان قاتتىققول ئىدارە قىلىش سىياسىتىنى ئۇيغۇر ئېلىغا كۆچۈرۈپ كەلگەنلىكىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا تېخىمۇ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت